لۇغەتنى كۆرۈش: د
- دۇرەخشەندە — پارلاق ، پارقىراق ، يالتىراق ، نۇرلۇق ، جۇلالىق ، پال-پۇل قىلىپ تۇرىدىغان؛ [مىھرى دۇرەخشەندە --- پارلاق قۇياش ، نۇر چېچى
- دۇرەخشەندەليق — پارلاقلىق ، پارقىراقلىق؛
- دۇرەر — ؛«دۇر»نىڭ كۆپلۈكى : دۇرلار ، مەرۋايىتلار ، ئۈنچىلەر؛ [دۇرەر ساچماق --- دۇرلار چاچماق؛ كۆچمە مەناسى:ئاجايىپ سۆزلەمەك]؛
- دۇرەر بار — دۇرلار چاچقۇچى ، مەرۋايىت چاچقۇچى ؛ كۆچمە مەناسى: قىممەتلىك ، نازۇك ۋە نەپىس سۆزلەرنى قىلغۇچى شائىر؛
- دۇرەفشان — مەرۋايىت چاچقۇچى ، دۇر سەپكۈچى؛ كۆچمە مەناسى: گۈزەل سۆزلەگۈچى ، ئاجايىپ شېئىرلارنى يازغۇچى؛
- دۇرەفشانلىغ — دۇر چېچىش ، مەرۋايىت سېپىش ؛ كۆچمە مەناسى: گۈزەل سۆزلەش ، ئېسىل شېئىرلارنى يېزىش ؛ شائىرانىلىق؛
- دۇرەنگ — ئىككى خىل ، ئىككى رەڭ ؛ تۇتامى يوق ، ئىككى يۈزلىمىچى ، ساختا، ئاغزى ھەسەل، ئىچى زەھەر؛
- دۇرباتماق — ئۇرۇپ چاقماق ، زەخىلەندۈرمەك، تارمار قىلماق؛
- دۇربار — دۇر ياغدۇرغۇچى ، قىممەتلىك ۋە مەنالىق سۆزلەرنى قىلغۇچى ، گۈزەل سۆزلەگۈچى؛ [دۇربار لەفز --- مەنالىق سۆزلەر ، شېئىرىي سۆزل
- دۇرباش — نېرى تۇر ، قاچ ، چەتكە چىق ، چەتتە تۇر ، پوش - بوش؛ [دۇرباش ئەيلەمەك --- قاچۇرماق ، چەتلەشتۈرمەك ، يىراقلاشتۇرماق]؛
- دۇربىين — ئۇزاقنى كۆرگۈچى ، يىراق كەلگۈسىگە ئەقلى يەتگۈچى؛
- دۇرپاش — مەرۋايىت چاچقۇچى ، دۇر چاچقۇچى؛ كۆچمە مەناسى: قىممەتلىك سۆزلەرنى ئېيتقۇچى ،گەپكە چېچەن ؛ ياش تۆككۈچى ، كۆزى ياشلىق؛
- دۇرج — گۆھەر قۇتىسى ، زىننەت بۇيۇملىرى قۇتىسى؛
- دۇرجى دەقايىق — گۈزەل سۆزلەر خەزىنەسى ، ئېسىل سۆزلەر يىغىندىسى؛
- دۇرجى لەئل — ياقۇت قۇتىسى ، ئېغىز ؛ يېزىش ئۈستىلى؛
- دۇرد — دۇغ ، ساقىندا؛ [بادەدۇردى--- مەي دۇغى]؛
- دۇرد ئاشام — مەي دۇغىنى ئىچكۈچى؛
- دۇردان — دۇر قۇتىسى ، مەرۋايىت ساقلىنىدىغان قۇتا؛
- دۇردانە — ئۈنچە دانەسى ، مەرۋايىت ، ئۈنچە؛
- دۇردنوش/دۇردكەش — شارابنىڭ دۇغىنى ئىچكۈچى ، ئىچەرمەن ، مەيخور؛ كۆچمە مەناسى: ئىجادىيەتتە مۇرىتلىق قىلىش، مەلۇم مەشھۇر كىشىنىڭ كەينىدىن مېڭ
- دۇردى جام — قەدەھتە قالغان مەي ساقىندىسى؛ [جامىن سۈمۈرمەك --- قەدەھتە قالغان مەي ساقىندىسىنى سۈمۈرمەك؛ كۆچمە مەناسى: ئىجادىيەتتە بىر
- دۇرر — مەرۋايىت ، ئۈنچە ، گۆھەر ؛ قىممەتلىك سۆز ، مەزمۇنلۇق سۆز؛
- دۇررات — ؛«دۇرر»نىڭ كۆپلۈكى : دۇرلار، مەرۋايىتلار؛
- دۇرراج — كەكلىك تۈرىدىكى بىر خىل قۇش؛