لۇغەتنى كۆرۈش: د
- دۇئاگۇي — دۇئا قىلغۇچى ، تىلەكداشلىق بىلدۈرگۈچى؛
- دۇبدۇرۇن — دۈپۈرلىگەن تاۋۇش ، دۈكۈرلىگەن ئاۋاز؛
- دۇبۇر — ئادەمنىڭ ئارقا تەرەپى، كاسا ، ساغرا؛ ئارقا پىشاپ ئېغىزى؛
- دۇپتۇلماق — دەسسىمەك، چەيلىمەك ، ئاياغ ئاستى قىلماق، دەپسەندە قىلماق؛
- دۇپى — موزدۇزلارنىڭ ئاياق كىيىمىنى كىيىدۈرۈپ قويۇپ مىخ مىخلايدىغان تۆمۈر ئەسۋابى .
- دۇتا/دۇتاھ — ئىككى قاتلانغان ، پۈكۈلگەن ، ئېگىلگەن، ئېگىك، مۈكچەيگەن؛ [قەددى دۇتاھ ---مۈكچەيگەن قەد]؛
- دۇجاھان — ئىككى دۇنيا.
- دۇچار — ئۇچراش ، يولۇقۇش، دۇچ كېلىش؛ [دۇچار بولماق، دۇچار ئولماق --- يولۇقماق، دۇچ كەلمەك، دۇچار بولماق]؛
- دۇخان — تۈتۈن، دۇت، ئىس؛
- دۇختەر — قىز، قىزچاق؛
- دۇخۇل — كىرىش، داخىل بولۇش، قاتنىشىش، قوشۇلۇش؛ [دۇخۇل ئەيلەمەك --- كىرمەك]؛
- دۇخۇلىييە — يول بېجى، شەھەرگە كىرىش بېجى، قەلئە بېجى؛ بىرەر يىغىلىش ئورنىغا كىرىش ئۈچۈن تۆلىنىدىغان پۇل]؛
- دۇد — ئىس ، تۈتۈن، دۇت ؛ تۈتەك؛ [تۇن دۇدى --- تۈن قاراڭغۇلۇقى]؛
- دۇد (دۇت )؛ — گازلىق ئىس.
- دۇد ئالۇد — تۈتۈن چىقىدىغان، ئىس ئارىلاش، دۇتلۇق؛ [ئاھى دۇد --- دۇتلۇق ئاھ]؛
- دۇداغ/دۇداق — لەۋ، كالپۇك؛
- دۇدانگ — ئىككى ھەسسە ، ئىككى ئۈلۈش؛
- دۇدە — كۈيە ، قۇرۇم ، كۆگە ؛ ئىس؛ چىراغنىڭ ئىسى؛ سىياھنىڭ قارىسى؛
- دۇدمان — ئائىلە ، ئۇرۇق، خانىدانلىق؛
- دۇدى ئاھ — ئوتلۇق ئاھ ، ئەلەملىك دەم، ئاچچىق ئاھ ئۇرۇش؛
- دۇر — ؛1) ( «ئۇ» تاۋۇشى ئۇزۇن سوزۇق تەلەپپۇز قىلىنىدۇ)؛ يىراق ، ئۇزاق؛ [دۇر ئەتمەك ---يىراقلاشتۇرماق ، ئۇزاقلاشتۇرماق]؛ 2) دۇر
- دۇر ئەندىش — ئۇزاقنى ئويلىغۇچى ، يىراقنى كۆزلىگۈچى ؛ چوققۇر ئويلىغۇچى؛
- دۇرئەندىشلىك — ئۇزاقنى ئويلاش ، چوڭقۇر مۇلاھىزە ؛
- دۇرەخش — دەرەخش؛