لۇغەتنى كۆرۈش: د
- دەمسەردلىق — لاۋزا گەپ قىلىش ، سوغ نەپەسلىك؛
- دەمسۆز — سۆھبەتداش.
- دەمگىر — دىمىق؛ دىمىق ئىسسىق؛
- دەمى ئىيسا — ئەيسا نەپەسى ، ئەيسا دېمى(دىنىي رىۋايەتتە ئەيسا دېمى ئۆلۈكنى تىرىلدۈرىدۇ، دېيىلىدۇ)؛
- دەمىدە — ئۆسكەن ، چىققان ، كۆرۈنگەن؛
- دەن — ئېغىرلىق ئۆلچەمى بولۇپ، بىردەن 199 جىڭغا تەڭ .
- دەنائەت — پەسلىك ، رەزىللىك ، پەسكەشلىك؛
- دەنانىر — ؛«دىنار»نىڭ كۆپلۈكى : دىنارلار ؛ ئالتۇن ئاقچىلار؛
- دەندانە — نەرسەلەرنىڭ چىشى؛ بىنا تاملىرىنىڭ ياكى سېپىلنىڭ ئۈستۈنكى چىشسىمان قىسمى (كۇنگۇرىسى) : چىشنىڭ ئۇچىدىكى ھەرىسىمان جاي؛
- دەنگ — ھېچنەرسەنى سەزمەيدىغان دەرەجەدىكى ھالەت ، گاراخلىق ، بىھوشلۇق، پەمى يەتمەسلىك، ھەق ناھەقنى ئايرىپ ئالالماسلىق؛ [دەنگ قىل
- دەنگانە — بىر نەرسەنى كۆپچىلىك بىلەن سېتىۋېلىش ئۈچۈن تەڭ مىقداردا پۇل يىغىش؛ كۆپچىلىكتىن تەڭ مىقداردا توپلانغان پۇل؛ خىراجىتى كۆپچ
- دەنىي — پەس ، رەزىل ، ئەسكى ، ئوسال ، يارىماس؛ [چەرخى دەنىي --- رەزىل پەلەك، نامەرت پەلەك]؛
- دەھ — ئون (10 ) ؛
- دەھالىز — ؛«دەھلىز»نىڭ كۆپلۈكى : دەھلىزلەر، دالانلار؛
- دەھان — ئېغىز ، تۆشۈك؛
- دەھانە/دەھەنە — ئېغىز ، دەرۋازا ، قاشانىڭ ئىشىكى ، چېگرادىن كىرىش جايى؛
- دەھر — زامان ، دەۋر ، جاھان ، دۇنيا ، ئالەم ، تەبىئەت ؛ تەقدىر؛ [دەھر ئەھلى --- خەلق، كىشىلەر، ئادەملەر ، ئىنسانلار؛ [دەھر باغى
- دەھر نەۋەرد — دۇنيا كەزگۈچى، سەيياھ؛
- دەھرى — دىنسىزلىق؛ دىنغا ئىشەنمىگۈچى؛دىنىي ئېتىقادنى زامانغا لايىقلاشتۇرغۇچى؛
- دەھرى دەنىي — پەسكەش دۇنيا؛
- دەھرىلىك — ئىلمىي دەلىللەرگە ئاساسلانغان خۇداسىزلىق؛
- دەھرىي — دىنسىز، خۇداسىز؛ زامانىۋى ، مودېرنىزمچى؛
- دەھزەن — قاراقچى.
- دەھسەد — مىڭ (1000 )؛