لۇغەتنى كۆرۈش: خ
- خەبەرى بەخت ئەنگىز — خۇش خەۋەر؛
- خەبباز — نانۋاي ، ناۋاي؛
- خەبت — خاتالىق ، يېڭىلىش ، قاراملىق؛ [خەبتى دىماغ --- ئەقلىدىن ئېزىش]؛ [خەبت ئولماق ---ئازماق، يېڭىلىشماق]؛ [دىماغ خەت قىلماق،
- خەبىر — خەۋەردار ، بىلگۈچى ، تەجرىبەلىك، ئالىم ، مۇتەخەسسىس ؛ كۆچمە مەناسى: خەۋەر بەرگۈچى؛
- خەبىس — بۇزۇق، ئوسال،يارىماس،ئىپلاس، پەس، شەرمەندە، بەتبۇي؛
- خەپى — يوشۇرۇن؛ مەخپى.
- خەت — سىزىق ، يول ، ئىز ، يېزىق ، خەت؛ كۆچمە مەناسى: يېڭى چىققان بۇرۇت؛ [خەت ئالماق --- تىلخەت ئالماق، ھۆججەت ئالماق ، تەستىق
- خەتائ — خاتالىق ، سەۋەنلىك ، يېڭىلىش ، گۇناھ ؛ خاتا ، ناتوغرا؛
- خەتاكار — خاتا قىلغۇچى ، يېڭىلىشقان، گۇناھ ئۆتكۈزگۈچى، تۇيۇق يولغا كىرىپ قالغان ، گۇناھكار؛
- خەتاگۇش — ئەگەشكۈچى ، ناتوغرا ئىشلار قىلغۇچى، ھەرەڭ - سەرەڭ يوللاردا يۈرگۈچى؛
- خەتەر — ئۆلۈمگە يېقىنلاشماق؛
- خەتەر
- خەتەرناك — خەتەرلىك ، تەھلىكىلىك ، تەھدىتلىك ، خەۋپلىك؛
- خەتتات — خۇشخەت يازغۇچى ، يېزىق سەنئەتكارى ، خەت يېزىشنى كەسىپ قىلغان كىشى، يېزىق ماھىرى، خەتتات؛
- خەتتى ئازادلىق — ئازادلىق خېتى ، قۇتۇلغانلىق خېتى ، سېلىق ياكى بىرەر تۆلەمدىن ئازاد بولغانلىق خېتى؛
- خەتتى ئەمان — ئامانلىق خېتى، قۇتۇلۇش خېتى؛
- خەتتى ئىستىمالەت — چاقىرىق خېتى ، ئۈندەش خېتى ، ئۆز تەرەپىگە تارتىش ئۈچۈن ئەۋەتىلگەن خەت؛
- خەتتى بەرات — يارلىق ، بۇيرۇقنامە ، كەچۈرۈم قىلىش بۇيرۇقى ،ئازادلىق خېتى؛
- خەتتى پەرگار — تۈزۈك سىزىق ، ئايلانما سىزىق؛
- خەتتى پىشانى — ئامەت سىزىقى ، تەقدىرنىڭ پۈتكىنى ، پېشانىگە پۈتۈلگىنى؛
- خەتتى راز — سىرلىق خەت ، مەخپىي يېزىق؛
- خەتتى سەۋاد — يېڭى چىققان قارا بۇرۇت؛
- خەتتى غۇبار — ھۆكۈمرانلىق دائىرىسى؛
- خەتتى مەۋھۇم — پەرەز قىلىنغان خىيالىي سىزىق؛