لۇغەتنى كۆرۈش: خ
- خانەدان — ئۆي ، ئائىلە ؛ جەمەت ؛ سۇلالە؛
- خانەزادە — تۇغما قۇل ياكى چۆرە؛ ئۆيدە يېتىلگەن ، ئۆيدە بېقىلغان؛
- خانەزادى — ئۆيدە يېتىلگەن ، ئۆيدە بېقىلغان؛
- خانەقاھ — مەسجىد مۇنبەرى؛ ئىچكەركى ئۆي (كىشىلەرنىڭ ئىبادەت قىلىدىغان مەخسۇس جايى).
- خانەندە — ئوقۇغۇچى ، ئوقۇپ بەرگۈچى ؛ غەزەلچى ، ناخشاچى؛
- خانەۋادە/خانۋادە — ئائىلە ، ئەۋلاد ؛ سۇلالە ؛ تۈر ، تۈركۈم ؛
- خانەۋار — ئۆي ، ئائىلە؛
- خانسالار — داستىخانچى، ھۆكۈمدار ھۇزۇرىدا تاماق تارتىش ئىشلىرىنى باشقۇرغۇچى؛
- خانلاماق — خان قىلماق ، پادىشاھ قىلماق؛
- خانومان — مال - مۈلۈك؛ ئائىلە.
- خانۇمان — ئۆي - جاي ، ئائىلە - ئۆي بىساتلىرى؛ [خانۇمان= خانمان/ خانىمان]؛
- خانۇمانسوز — بار - يوقىنى كۆيدۈرگۈچى ، ھەممەنى ۋەيران قىلغۇچى؛
- خانىش — پادىشاھنىڭ خوتۇنى؛
- خانىكە — پادىشاھنىڭ قىزى/مەلىكە؛
- خاھ — خاھىش ، مەيل؛
- خاھان — ئىزدىگۈچى ، خالىغۇچى ، تەلەپكار؛
- خاھەر — ئىگىچە ، سىڭىل؛
- خاھەرزادە — ئىگىچە ياكى سىڭىلنىڭ بالاسى ، جىيەن؛
- خاھى ناخاھى — مەيلى خالىسۇن - خالىمىسۇن ، ئىختىيارى ياكى نائىختىيارلىقىغا قارىماي ؛ خالاپ ياكى خالىماي؛
- خاھىش — مەيل ، تىلەك ، ئىستەك ، ئارزۇ ، ئۈمىد؛
- خاۋەر — شەرق ، كۈنچىقىش؛ [ئافتابى خاۋەرى، خاۋەر شاھى، خاۋەر شەھى، خىسرەۋى خاۋەر، مىھرى خاۋەر --- قۇياش ، شەرق قۇياشى]؛
- خاي — سۆزلەرگە قوشۇلۇپ «چاينىغۇچى ، چىشلىگۈچى» مەنالىرىدە كېلىدۇ؛ [ئەنگۈشتخاي --- بارماق چىشلىگۈچى ، ھەيرەتتە قالغۇچى ، ھەيران
- خەباسەت — بۇزۇقلۇقلار ، يامان ئىش - ھەرىكەتلەر ، شەرمەندەلىكلەر؛
- خەبەرلىق — خەۋەردار؛