لۇغەتنى كۆرۈش: ت
- تۇرفەتۇلئەين — كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە بولغان ئارىلىق ، شۇ ھامان،شۇ دەقىقە؛
- تۇرفى (تۇرفە)؛ — ئەجەپلىنەرلىك؛قىزىق؛ئاجايىپ؛ غەلىتە.
- تۇرقۇرقە — تام ، توسما تام ، سېپىل؛
- تۇرلاغ — تۇرار جاي؛
- تۇرماق — ؛(تورماق ) تۇرماق ، ھۇجۇمغا تاقابىل تۇرماق ، بەرداشلىق بەرمەك .
- تۇرنا — تۇرنا--چوڭ، ئۇزۇن پۇتلۇق، ئۇزۇن بويۇنلۇق قۇش بولۇپ، كۆپىنچە سۇلۇق جايلار، كۆل-دەريالار ۋە پاتقاقلاردا ياشايدۇ. تۇرنالار
- تۇرناچى — قاتار قىلغۇچى ، قوشۇننى سەپكە تىزغۇچى؛
- تۇرۇپ — كۆكتات تۈرى؛
- تۇرۇش بەرمەك — بەرداشلىق بەرمەك ، تاقابىل تۇرماق؛
- تۇرۇق — ؛1) توختاش ، تۇرۇش ؛ توختاش ئورنى ، قونالغۇ، تۇرالغۇ ، ماكان؛ 2)؛«تەرىق»نىڭ كۆپلۈكى: يوللار ؛ چارىلەر ، ئۇسۇللار،ئاماللا
- تۇرۇم — ئىككى ياشلىق تاي؛
- تۇزلاغ — تۇزلاق؛
- تۇزلاق — تۇز چىقىدىغان جاي ، تۇز كانى؛
- تۇسلاماق — نىشانلىماق؛ [ ئىلان ئوتىنى تۇسلاپ تەبرەدۈك --- يىلان ئوتى (يېزىسى )نى نىشانلاپ قوزغالدۇق]؛
- تۇش — تەرەپ ، ئورۇن ؛ لايىقلىق؛ [تۇش - تۇشىدىن --- ھەر تەرەپتىن ، تۇشمۇتۇشتىن]؛ [تۇش -تۇشى --- ھەركىم ئۆزىچە ، ھەركىم ئۆز ئالد
- تۇشاغ — تۇشاق ؛
- تۇشاق — ئاتنىڭ ئالدى پۇتىنى چۈشەيدىغان ئارقان چېتىق؛
- تۇشاماق — تۈشىمەك؛
- تۇشلاش — ئۇچرىشىش ، كۆنۈش؛
- تۇشلاشماق — ئۇچراشماق؛
- تۇشلاماق — ئۇچرىماق، ئۇچراشماق؛
- تۇشلۇق — مۇۋاپىق جاي، يۆلىنىش، تەرەپ، ئورۇن؛
- تۇغ — بايراق؛ ئەلەم؛
- تۇغاچى — خەۋەرچى؛