لۇغەتنى كۆرۈش: ت
- تۇخمە — نەسىل ، نەسەپ ، ئەۋلاد ، ئۇرۇق؛
- تۇخمىيانە — دورا ئۆسۈملۈكلىرىدىن بىر خىلىنىڭ ئۇرۇقى؛
- تۇخۇم — تۇخۇم؛
- تۇخىم — ئۇرۇق
- تۇد — تۇت؛
- تۇدۇرى — چۆپنىڭ قىزىل يىلتىزىدىن ياسالغان. ئىچ سۈرگۈزىدىغان دورا.
- تۇر — ؛1) قۇش قوندىقى؛ 2)تاغ ئىسمى ، تۇر تېغى ، تۇرى سىنا دەپمۇ ئاتىلىدۇ (مىسىردا )؛
- تۇرا — تورا؛
- تۇراب — تۇپراق ، يەر؛ [ئەھلى تۇراب --- ئۆلگەن ، ۋاپات بولغان كىشىلەر]؛
- تۇراق — تۇرۇق ، ھالەت ، تۇرار يەر ، مەۋقىئە؛
- تۇربە/تۇربەت — تۇپراق ، يەر ، زېمىن ؛ قەبرە ، مەقبەرە ؛
- تۇرپە چەشىم — ئاجايىپ، كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان( غەمكىن)كۆز.
- تۇرخۇن
- تۇررە — كۇكۇلا ، چىكە چاچ ، ماڭلاي چاچ ، ئاتنىڭ ماڭلاي يايىلىسى؛ ئۆرۈم(چاچ)؛
- تۇررەھات — ؛«تۇررەھە»نىڭ كۆپلۈكى : پايداسىز ئىشلار ، بىمەنە ئىشلار،ئۇششاق - چۈششەك ئىشلار؛قۇرۇق گەپلەر ، بىمەنە گەپلەر؛
- تۇررەھە — ئۇششاق - چۈششەك ئىش ، بىمەنە گەپ ، قۇرۇق سۆز؛
- تۇرش — ئاچچىق، ئاچقىل ، چۈچۈمەل ، ئاچچىق - چۈچۈك ، چۈچۈمەل ، توزلانغان ئوتياش؛
- تۇرشروي — تەلەتى بۇزۇق ، قاپىقى سېلىنغان، روھى چۈشكۈن؛
- تۇرشۇماق — ئېچىماق ؛ پەرىشان بولماق؛
- تۇرغاق — كېچىلىك ساقچى، قاراۋۇل؛
- تۇرغالان — قوزغىلاڭ؛
- تۇرغۇ — ھۆكۈمنامە ۋە يارلىققا ئوخشاش ھۆججەتلەرنىڭ ياخشى ۋە ئۇزاق ساقلىنىشى ئۈچۈن ئۇنىڭ ئارقاسىغا چاپلىنىدىغان داكا، رەخت (بۇ رەخ
- تۇرغۇن — تۇراقلىق؛ قىمىرلىمايدىغان.
- تۇرفە — يېڭى ، يېڭىلىق ، قىزىق ، كىشىنى ئەجەبلەندۈرىدىغان، ئاجايىپ ، كەم ئۇچرايدىغان؛