لۇغەتنى كۆرۈش: ب
- بەيابان — سەھرا، چۆل ، دەشت؛
- بەيات — ئۇيغۇر مۇقاملىرىدىن بىرسىنىڭ نامى؛
- بەياز — ئاق ، ئاقلىق ؛ ئاققا كۆچۈرۈلگەن نۇسخا؛ ئاق قەغەز ؛ ھەرقايسى شائىرلارنىڭ شېئىرلىرىدىن توپلانغان توپلام ؛ پارچە شېئىرلار ت
- بەيان — تەپسىلىي سۆزلەش، ئېنىق ئاڭلىتىش ، شەرھلەش؛ ئىپادەلەش، ئىزھار قىلىش؛ بايانات؛ بايان ، ئىپادە؛
- بەيانى فەسىھ — گۈزەل ھەم چوڭقۇر مەنالىق ئىپادە؛
- بەيانى ۋاقىئى — ھەقىقىي سۆز ، ھەقىقىي ئەھۋال؛
- بەيەك ناگاھ — توساتتىن ؛ بىر يولىلا ، بىراقلا؛ بىردىنلا ؛
- بەيەكبار — بىردىنلا ، ئۇشتۇمتۇت ، توساتتىن ؛ بىر يولى ، بىراقلا؛
- بەيت — ؛1) ئۆي ، خانا ، جاي؛ 2)شېئىرنىڭ جۈپ مىسراسى ؛ ئىككى مىسرا شېئىر؛
- بەيتول ئەھزان — قايغۇلار ئويى؛ غەم ئويى؛
- بەيتۇل ئىنتىزام — ئىنتىزامخانا؛
- بەيتۇلئەھزان — غەم ئۆيى ، غەمخانە ، قايغۇ ئۆيى ، كۈلبە؛
- بەيتۇللاھ — مەككىدىكى كەئبەنىڭ نامى ، ئاللاھنىڭ ئۆيى؛
- بەيتۇللەتەف — مەرھەمەت ئۆيى ، ئېھسان ئۆيى ، ھەدىيە ئۆي؛
- بەيتۇللۇتف — لەتاپەت ئۆيى ، مېھرىبانلىق ئۆيى ؛ ئېھسان ئۆيى ، مەرھەمەت ئۆيى؛
- بەيتۇلمال — دەۋلەت ئىختىيارىغا ئېلىنغان مال - مۈلۈك ؛ دەۋلەت خەزىنەسى؛
- بەيتۇلمەئمۇر — ئاۋات ئۆي ، مەمۇر جاي؛
- بەيتۇلمەغفىرەت — گۇناھتىن ئۆتۈش ئۆيى ، كەچۈرۈم قىلىش ئۆي؛
- بەيتۇلمۇقەددەس — قۇددۇس (ئېرۇسالىم ) ؛
- بەيتۇلھەرام/بەيتۇلھەرەم — مەككىدىكى كەبە دەپ ئاتىلىدىغان مەشھۇر زىيارەتگاھ؛ [زائىرى بەيتۇلھەرام --- مەككىگە بېرىپ كەئبىنى زىيارەت قىلغۇچى]؛
- بەيتۇلھۇزن/بەيتۇلھەزەن — غەم ئۆيى ، قايغۇ ئۆيى ، غەمخانا؛
- بەيتۇنە/بەيتۇنەت — تۈنەش ، كېچىنى ئۇخلىماي ئۆتكۈزۈش؛ [بەيتۇنە قىلماق --- تۈنىمەك]؛
- بەيدائ — دەشت ، چۆل ، باياۋان؛
- بەيرەم — ؛1) شادلىق كۈنى ، ھېيت ، تەنتەنە؛ 2)يىپتىن توقۇلغان بىر خىل نازۇك ۋە يۇپقا رەخت]؛