لۇغەتنى كۆرۈش: ب
- بەھرى مەۋجۋەر — دولقۇنلۇق دېڭىز ، مەۋجۋار دەريا؛
- بەھرى نۇبۇۋۋەت — پەيغەمبەرلىك؛
- بەھرى ۋەسئ — كەڭ دەريا؛
- بەھرىي — دېڭىزغا مەنسۇپ ، دېڭىزغا خاس ، دېڭىزدا ياشىغۇچى؛ [بەھرىي جانۋەر --- دېڭىز ھايۋىنى]؛
- بەھس — مۇنازىرىلىشىش ، گەپ تالىشىش ؛ پىكىر بايان قىلىش؛ [بەھس قىلماق --- مۇنازىرە قىلماق، پىكىر بايان قىلماق]؛
- بەھسۇ جەدەل — گەپ تالىشىش،مۇنازىرە؛
- بەھلە — چەم پەلەي ، تېرە پەلەي ، قۇش قوندۇرۇش ئۈچۈن ئوۋچىلار قولىغا كىيىۋالىدىغان پەلەي؛
- بەھمەن — قۇياش (شەمسىيە ) يىلى ھېسابىدىكى ئون بىرىنچى ئاي ؛ قەدىمىي ئىران شاھلىرىدىن بىرىنىڭ ئىسمى؛[بەھمەن نەجاد --- بەھمەن پادىش
- بەھمەنىي — بەھمەن شاھقا مەنسۇپ؛
- بەھۇزۇر — ئەركىن؛ بىمالال؛ قورۇنماي؛ ئېچىلىپ-يېيىلىپ؛
- بەھىر — نەپ؛ پايدا؛ كۆڭۈل؛ كەيىپ؛
- بەھىس — مۇنازىرە؛ تالاش-تارتىش.
- بەھىم — تۇم قارا ، قاپقارا ، ھايۋان ؛
- بەھىيمە — ھايۋان؛
- بەۋادى — ؛«بادىيە»نىڭ كۆپلۈكى: چۆللەر ، سەھرالار ، دەشتلەر؛[بەۋادىتەي ئەمەك، بەۋادىقەت قىلماق --- باياۋان كەزمەك ، چۆل كەزمەك]؛
- بەۋارىق — ؛«بارىقە»نىڭ كۆپلۈكى : چېقىنلار ، چاقماقلار، چاقماق بۇلۇتلىرى؛
- بەۋاقى — ؛«باقىي»نىڭ كۆپلۈكى : قالغانلار ، ئېشىندىلار ، قالدۇقلار؛ئەبەدىيلىكلەر ، مەڭگۈلۈكلەر؛
- بەۋەجھ — ؛[ بەۋەجھ ئەھسەن --- ئوچۇق چىراي بىلەن ، ياخشى يوسۇن بىلەن]؛
- بەۋۋاب — دەرۋازىۋەن، ئىشىك قاراۋۇلى؛
- بەۋۋابە — دەرۋازا ، شەھەر دەرۋازىسى ، قورغان دەرۋازىسى؛
- بەيئ — ئالدى - ساتتى ، سودىلىشىش ، ئېلىم - سېتىم؛ [بەيئ مۇتلەق --- پۈتۈنلەي سېتىۋېتىشپ؛
- بەيئانە — بىرەر نەرسەنى ئېلىش ياكى سېتىشقا ئالدىن بېرىپ تۇرۇلىدىغان پۇل ، زاكالەت ؛
- بەيئەت — Allegiance(ئىسىم)-- قەسەم ، ۋەدە ؛ ساداقەت؛ [بەيئەت قىلماق --- قەسەم بەرمەك ،ساداقەت بىلدۈرمەك ، بىر كىمنىڭ ھاكىملىقىنى
- بەيئى — باھا؛ نەرق؛