لۇغەتنى كۆرۈش: ئە
- ئەئىززە — ؛«ئەزىز»نىڭ كۆپلۈكى: ئەزىزلەر ، ھۆرمەتلىكلەر؛
- ئەئىززەئى ئەھباب — ئەزىز دوستلار؛
- ئەئىممە — ؛«ئىمام»نىڭ كۆپلۈكى : ئىماملار ، مەزھەب باشلىقلىرى؛ ئالىملار؛
- ئەئىممەئى كەلام — كەلام ئىلمى ئالىملىرى، قۇرئان تەپسىرچىلىرى؛
- ئەب — ئاتا ، دادا ، پەدەر؛
- ئەبا — دەرۋىش ۋە قەلەندەرلەر كىيىدىغان ، قوپال يۇڭ رەختتىن تىكىلگەن قىسقا يەڭلىك چاپان؛
- ئەبا ۋە ئەجداد — ئاتا - بوۋىلار؛
- ئەباتىل — ؛«باتىل»نىڭ كۆپلۈكى : باتىللار ، يالغانلار ، قۇرۇق گەپلەر؛ پىتنىلەر؛
- ئەبەد — مەڭگۈ ، دائىم ؛ ئەبەدىيلىك ، مەڭگۈلۈك ، دائىملىق؛
- ئەبەدۇل ئەباد — دائىم ، ھەرۋاقىت ؛ پۈتمەس - تۈگىمەس ، چەكسىز؛
- ئەبەدى جاۋىد — مەڭگۈلۈك؛
- ئەبەدىي — مەڭگۈلۈك ، پۈتمەس؛
- ئەبەس — پايداسىز ، ئورۇنسىز ، بىھۇدە؛
- ئەبەن ئەن جەددىن — ئاتا - بوۋىدىن تارتىپ؛
- ئەبەۋەين — ئاتا - ئانا؛
- ئەببەدەت — ئەبەدىيلەشتۈرۈش؛ [ئەببەدەت ئېھسان-- ئېھىساننى ئەبەدىي قىلسۇن ، ياخشىلىقنى ئەبەدىيلەشتۈرسۈن (دۇئا )]؛
- ئەبتەر — يۇلۇنغان ، تاماملانغان ، پەرىشان ؛ بەختىسىز ؛قۇيرۇقى يوق(ھايۋان ) ، نەتىجەسىز، ئەۋلادسىز؛
- ئەبتەرۋەش — بەختسىز ، ئوڭمىغان ؛ خاراب؛
- ئەبتەرى — ئەڭ بەختسىز ؛ دىۋانە ؛ ئەخلاقسىز؛
- ئەبتەھ — مەككە شەھەرىدىكى بىر مەھەللە ئىسمى؛
- ئەبتەھى — ئەبتەھلىك ؛ ئەبتەھكە دائىر؛ ئەبتەھ؛
- ئەبجەد — ئەرەب ئېلىپبەسىدىكى 28 ھەرپنى سەككىز گۇرۇپپاغا بۆلۈپ ، ھەربىر گۇرۇپپادىكى ھەرپلەرنى بىر - بىرىگە قوشۇپ ياسىغان سەككىز يا
- ئەبجەدخان — ئەبجەد؛
- ئەبدال — ؛1) ۋەلىيلىكنىڭ مەلۇم بىر دەرەجەسىگە ئېرىشكەن گۇرۇھ ، ئەۋلىيالار ، خۇداغا يېقىنلار ؛ قەلەندەر ، دىۋانە؛ 2) «بەدەل» نىڭ ك