ئەبجەد
مەنىسى
ئەرەب ئېلىپبەسىدىكى 28 ھەرپنى سەككىز گۇرۇپپاغا بۆلۈپ ، ھەربىر گۇرۇپپادىكى ھەرپلەرنى بىر - بىرىگە قوشۇپ ياسىغان سەككىز ياسالما سۆزنىڭ ئومۇمىي نامى ۋە بىرىنچىسىنىڭ ئوقۇلۇشى؛ بۇ سۆزلەر: ئەبجەد، ھەۋۋەز،ھۇتتى،كەلەمەن،سەئفەس،قەرەشەت،سەخخەز،زەزەغدىن ئىبارەت. كونا مەكتەپلەردە بالالارنىڭ ھەرپلەرنى ئۆگىنىش باسقۇچىدا شۇ سەككىز سۆز مەخسۇس كىچىك تاختىغا يېزىپ ئوقۇتۇلغان ۋە بۇنداق ئوقۇتۇش «تەئلىمى ئەبجەد» دەپ ئاتالغان؛ بۇ سۆزلەرنى ئوقۇشقا كىرىشكەنلەر بولسا «ئەبجەدخان»دەپ ئاتالغان . بۇ سۆزلەردىكى ھەرپلەر يەنە يۇقارىدىكى تەرتىپ بويىچە 1 ، 2 ،3، 4 . 5، 6 ، 7، 8 ، 9، 16 ، 20 ، 30 ، 40 ، 50 ، 60 ، 70 ، 80 ، 90 ، 100 ،200، 300 ، 400 ، 500 . 600 ، 700 ، 800 ، 900 ، 1000 سانلىرىغا ۋەكىللىك قىلغان بولۇپ ،چاغاتاي ئۇيغۇر تىلىدىكى شېئىرلاردا ، ھىجرىيە يىلى قاتارلىق سانلار ھامان شۇ ھەرپلەردىن تۈزۈلگەن سۆزلەر ئارقالىق (ئەبجەد ھېسابى بىلەن ) ئىپادىلەنگەن؛