لۇغەتنى كۆرۈش: ئە
- ئەرچى — ؛«ئەگەرچى» سۆزىنىڭ قىسقارتماسى؛
- ئەردەۋان — قەدىمىي ئىراندىكى بىر ئەپسانەۋى پادىشاھنىڭ نامى ؛ قەدىمىي ئىراندىكى بىر ۋىلايەت نامى؛
- ئەردەۋىل — ئاقسۇ شەھەرىنىڭ قەدىمىي نامى؛
- ئەردى — ئىدى؛ [ ئۇلار يەتە جان سەۋداگەر ئەردى-- ئۇلار جەمئىي يەتتە نەپەر سودىگەر ئىدى]؛
- ئەرز — ؛(1) يەر ، زېمىن؛ [ ئەرز سەتھى--يەر يۈزى]؛ [ئەرز جىرمى-- يەرشارى]؛ [كۇررەئى ئەرز--يەرشارى]؛؛ ( 2)سۆزلەش ، دېيىش ؛ ئوتتۇر
- ئەرزاق — ؛«رىزق»نىڭ كۆپلۈكى: رىزىقلار ، ئوزۇقلۇقلار؛
- ئەرزال — ؛«رەزىل» نىڭ كۆپلۈكى: پەسكەشلەر ، رەزىللەر؛ [ئەرزال تەمەللۇقى--پەسكەشلەر خۇشامىتى]؛
- ئەرزالۇ ئەشراف — يۇقارى - تۆۋەن تەبىقىلەر ، رەزىللەر ۋە ئېسىللەر؛
- ئەرزالى دورد ئاشام — مەي دۇغىنى ئىچىدىغانلار؛
- ئەرزان — ئەرزان ، تۆۋەن باھالىق؛
- ئەرزانلىق — ئەرزانچىلىق ، مولچىلىق؛
- ئەرزانىي — بېرىش ، بېغىشلاش ؛ لايىق كۆرۈش؛ [ئەرزانىي ئەيلەمەك،ئەرزانىي ئەتمەك--بەرمەك ، بېغىشلىماق؛ لايىق كۆرمەك]؛
- ئەرزە داشت — بايان ، بايانات ؛ ئىلتىماس ، تەلەپ ، ئەرزھال؛
- ئەرزەن — كەڭلىك جەھەتتە؛ كەڭلىكتە؛ [ تۇلەن ۋە ئەرزەن--ئۇزۇنلۇقتا ھەم كەڭلىكتە]؛
- ئەرزەندە — ئەرزىيدىغان ، لايىق؛
- ئەرزھال — ئىلتىماسنامە ، شىكايەتنامە ؛ ئەرز؛
- ئەرزۇ — يەر.
- ئەرزى تەزەللۇم — زۇلۇمدىن شىكايەت قىلىش؛
- ئەرزى جەمال — جىلۋە قىلماق؛
- ئەرزى رۇخسار — يۈز كۆرسىتىش ، يۈز ئېچىش؛
- ئەرزى كۇتۇب — كىتابلار دۇنياسى؛
- ئەرزى نىياز — سالام ، دۇئا؛
- ئەرزى ۋەسىئ — كەڭ يەر ، دۇنيا؛
- ئەرسە — ؛(1) ھويلا ، سەينا ، مەيدان ، كەڭ يەر ؛ شاھمات تاختىسى؛ (2) بولسا (شەرت مەناسىنى ئىپادەلەيدۇ )؛