لۇغەتنى كۆرۈش: ئە
- ئەرەسات — «ئەرسە»نىڭ كۆپلۈكى : ھويلىلار ، قورۇلار ؛ مەيدانلار؛ دالىلار ؛ غەۋغا ، قىيا - چىيا؛[ئەرەسات قوپارماق-- غەۋغا كۆتۈرمەك ،
- ئەرەستو — يۇنان پەيلاسوبى ئارىستوتىلنىڭ ئەرەبچە ئاتىلىشى؛
- ئەرەش — جەينەكتىن تارتىپ قول ئۇچىغىچە بولغان ئارىلىق ، 50- 60 سانتىمېتىر چامىسىدىكى ئۇزۇنلۇق،گەز؛
- ئەرەفات — مەككە شەھەرىنىڭ 19 كىلومېتىر شەرقىدىكى بىر تاغنىڭ نامى؛
- ئەرەفە — قۇربان ھېيت بولىدىغان كۈننىڭ ئالدىدىكى كۈن، قەمەرىيە يىلى ھېسابىدا ئون ئىككىنچى ئاينىڭ توققۇزىنچى كۈنى؛
- ئەرەق — تەر؛ ھاراق ؛ جەۋھەر؛
- ئەرەق رىز — تەر تۆككۈچى؛
- ئەرەقناك — تەرلىك ، تەرلىگەن؛
- ئەرەن — ئەر! ئادەم.
- ئەرەن — ئەر ، كۈيەۋ ؛ ياخشى ئادەم . ھەقىقىي ئادەم ، كۈچلۈك ئادەم؛
- ئەرەنچە — ئەرلەرچە ، ئەرلەرگە خاس؛
- ئەرەنلىك — يېتىلگەنلىك ، باتۇرلۇق ، يىگىتلىك ، ئەرلىك مەردلىك؛
- ئەرباب — ؛«رەبب»نىڭ كۆپلۈكى: ئىگىلەر ، ساھىبلار ، بىر ئىشقا ماھىر كىشىلەر ، ئەمەلدارلار؛ [ئەرۇز ئەربابى-- شېئىرىيەتتىكى ئارۇز ۋەز
- ئەربابى بىنىش — ئوچۇق كۆرگۈچىلەر ، بىر ئىشنىڭ تېگى - تەكتىنى كۆرەلەيدىغانلار؛ ئۆتكۈر كۆزلۈكلەر؛
- ئەربابى مەئانى — ئىدراكلىق كىشىلەر ، ئالىملار ؛
- ئەربابى ۋەزايىف — ۋەزىپە ئىگىلىرى ، دەۋلەت خىزمەتىدىكى شەخسلەر ، مائاشلىقلار؛
- ئەرباغ — سېھىر ، ئالدام ، كۆز بوياش ، ئۆزىگە رام قىلىش؛
- ئەربەئىن — قىرىق؛
- ئەربەدە — شاۋقۇن - سۈرەن ، توپىلاڭ ، ۋاراڭ - چۇرۇڭ ؛ بەتمەستلىك؛ بىمەنە ۋالاقلاش ؛ يامان قىلىق؛ غەزەپ؛
- ئەربەدەجو — غەۋغا قوزغىغۇچى ، توپىلاڭچى؛
- ئەرتەگۈن — ئەتىگەن؛
- ئەرتەگى — ئەتىگەنكى ، بالدۇرقى ؛ قەدىمقى ، بۇرۇنقى؛ قەدىمقى سۆز ،چۆچەك،ھېكايە،ئەپسانە؛
- ئەرتەڭ — ئەتە (ئە :تە ) ؛
- ئەرجۈمەند/ئەرجمەند — ئەزىز، ئىززەتلىك ، قەدىرلىك ، قىممەتلىك، ھۆرمەتلىك،شەرەپلىك ؛ دانىشمەن ، ئەقىللىق؛ [ئۆزىنى ئەرجۈمەند تۇتماق--ئۆزىنى يۇقا