لۇغەتنى كۆرۈش
- ئەيىن — (1) ھەقىقى،(2)كۆز، بۇلاق.
- ئەييار — ھىيلىگەر ؛ تېڭىرقاپ قالغان؛
- ئەييارلىق — ھىيلە؛
- ئەيياش — ئەيش - ئىشرەتكە بېرىلگەن ، ئىشرەتۋاز ، مەئىشەتپەرەس؛ ئاقنانچى؛
- ئەييام — ؛«يەۋم»نىڭ كۆپلۈكى: كۈنلەر،چاغلار،دەۋر،مەزگىل؛ [زەئىف ئەييامى --كۈچسىزلىك پەيتلىرى]؛ [شەباب ئەييامى -- ياشلىق دەۋرى، يىگ
- ئەييامى شەباب — يىگىتلىك دەۋرى؛
- ئەييامى فانى — ئۆتكەن كۈنلەر ، ئۆتمۈش؛
- ئەييامى ۋىسال — ۋىسال كۈنلىرى؛
- ئەييۇھەنناس — ئەي خالايىق، ئەي ئادەملەر
- ئەييۇھەنناس — ھەي ، ئادەملەر !
- ئنقىسام — بۆلۈنۈش ، تەقسىملىنىش؛
- ئوبا — كۆچمە ئۆي ، چېدىر ؛ كۆچمە خەلق؛
- ئوباي - جوباي — ئۇ يەردە - بۇ يەردە ، پاراكەندە ۋە پەرىشان ؛
- ئوبەيد — كىچىك بەندە ، كىچىك ئىنسان؛
- ئوبەيدۇللاھ — ئاللاھنىڭ كىچىك بەندىسى: ئەبەيدۇللاھ؛
- ئوبراز — قىياپەت؛ تەسۋىر؛ ئەدىبىيات ۋە سەنئەت ئەسەرلىرىدە يارىتىلغان شەخس ياكى نەرسە، ھادىسە، كۆرۈنۈش؛
- ئوبرانماق — يىرتىلماق ، تىتىلماق ، بۇزۇلماق؛
- ئوبروق — ئوي يەر ؛ ساي ، غول؛
- ئوبزور — ئومۇمى بىر تېماغا دائىر بىر قانچە مەسىلە ھەققىدە ئومۇملاشتۇرۇپ بېرىلگەن قىسقا خەۋەر؛
- ئوبسىۋاتورىيە(ئابسىۋاتورىيە)؛ — مەخسۇس ئەسۋاب-ئۈسكۈنەلەر ياردەمى بىلەن ئاسماندىكى جىسىملارنى سېستىمىلىق كۆزىتىپ بارىدىغان ئاستىرونومىك ئىلمىي مۇئەسسە؛
- ئوبلىگاتسىيە — Obligation(ئىسىم)--بىرسىنىڭ قىلىشقا مەجبۇر بولغان ئىشى، بۇرچى، مەسئۇلىيەتى ياكى ۋەدەسىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ قانۇنىي، ئەخلاقىي
- ئوبوروت — قايتا ئىشلەپچىقىرىش، پايدا ئېلىش ئۈچۈن قىلىنىدىغان پۇل ۋە تاۋار ئالماشتۇرۇش مۇئامىلىسى؛
- ئوبۇر — ئۆتۈش ، بېسىپ ئۆتۈش؛
- ئوبۇر ئەتمەك — ئۆتمەك ، بېسىپ ئۆتمەك؛