لۇغەتنى كۆرۈش
- ئەۋۋەلقى — بىرىنچى، تۇنجى؛ [ئەۋۋەلقى ئەربەئىن -- بىرىنچى چىللە، تەسەۋۋۇپچىلارنىڭ قىرىق كۈن خىلۋەتتە ئولتۇرۇشى]؛ [ ئەۋۋەلقى نەفەس --
- ئەۋۋەلىن — ئالدىنقىلار؛
- ئەۋۋەلىنۇ ئاخىرىن — ئالدىنقىلار ۋە كېيىنكىلەر؛
- ئەۋۋەلىييەت — ئىلگىرىلىك، ئالدىنقىلىق ، قەدىمقىلىك؛ بىرىنچىلىك؛
- ئەيالات — ؛«ئەيالەت»نىڭ كۆپلۈكى: ئۆلكىلەر ، ئوبلاستلار؛
- ئەيالەت — ئۆلكە ، ئوبلاست ، رايون؛
- ئەيالغۇ — ناخشا ، كۈي ، ئاھاڭ ، تەسىرلىك قوشاق ؛ بىر خىل چالغۇ؛
- ئەيان — ئېنىق ، روشەن ، ئايدىڭ ، ئوچۇق ، مەلۇم؛
- ئەيەگە — ئېمىكئانا ، ئېنىگە؛
- ئەيب — كەمچىلىك، ئىۋەن ، نۇقسان؛
- ئەيبپوش — ئەيىبىنى ياپقۇچى ، ئەيىبىنى سىر تۇتقۇچى؛
- ئەيبجو/ئەيبجوي — ئەيىب ئاختۇرغۇچى ، كەمچىلىك ئىزدىگۈچى، كەمسىتكۈچى؛
- ئەيبجويلىك — ئەيىب تېپىش، كەمچىلىك ئىزدەش؛
- ئەيبگۇ/ئەيبگۇي — چېقىمچى؛ غەيۋەتخور؛
- ئەيبىنلىغ — كەمچىلىك تېپىش؛
- ئەيتام — ؛«يەتىم»نىڭ كۆپلۈكى : يېتىملەر؛
- ئەيتماق — ئېيتماق ، توقىماق ، يازماق (شېئىر )؛
- ئەيتمىشەڭ — ئېيتىپسەن؛
- ئەيرەشمەك — ئايرىلىشماق ، ئاجرىشىپ كەتمەك؛
- ئەيرى — ئاچا ، ئاچىماق؛
- ئەيزەن — يەنە ، تېخى ، شۇنداقلا؛
- ئەيش — تۇرمۇش ؛ راھەتلىك تۇرمۇش ، مەئىشەتلىك ھايات؛
- ئەيش تەرەپ — خۇشال تۇرمۇش.
- ئەيشپەرداز — تىرىكچىلىك قىلغۇچى ، كۈن كەچۈرگۈچى؛