لۇغەتنى كۆرۈش
- ئەۋتار — ؛«ۋەتەر»نىڭ كۆپلۈكى: چالغۇ تارىلىرى ؛ سىملار؛
- ئەۋتان — ؛«ۋەتەن»نىڭ كۆپلۈكى: ۋەتەنلەر؛
- ئەۋتەرى — ئۈچۈن ، سەۋەبلىك دېگەن مەنالاردا كېلىدۇ؛ [شۇندىن ئەۋتەرى -- شۇنىڭ ئۈچۈن]؛
- ئەۋج — ھەر نەرسەنىڭ يۇقارى تەرەپى ، يۇقارى پەللە ، ئەڭ ئېگىز دەرەجە؛ [ئەۋج تاپماق -- كۆتۈرۈلمەك]؛
- ئەۋجى رىفئەت — يۈكسەكلىك چوققاسى ، يۇقارى دەرەجە؛
- ئەۋجى سەلتەنەت — پادىشاھلىق ئورنى؛
- ئەۋد — قايتىش ، كەينىگە يېنىپ كېتىش ؛ قايتىلاش؛ [ئەۋد ئەتمەك، ئەۋد ئەيلەمەك -- قايتماق؛قايتىلىماق]؛
- ئەۋد ئەدنا — تۆۋەن جاي.
- ئەۋدەت — قايتۇرۇپ بېرىش ؛ قايتىش؛
- ئەۋر — يالىڭاچ؛
- ئەۋراد — ؛«ۋىرد»نىڭ كۆپلۈكى: ۋەزىپەلەر ، دائىملىق ۋەزىپەلەر؛دۇئالار؛
- ئەۋراق — ؛«ۋەرەق»نىڭ كۆپلۈكى: ۋاراقلار ، سەھىپىلەر؛ يوپۇرماقلار ،بەرگلەر؛[جومال ئەۋراقى --ئادەمنىڭ ئىككى مەڭزى]؛
- ئەۋراقى سىم — كۈمۈش بەرگلەر؛
- ئەۋرەت — ئىنسان بەدىنىدىكى باشقىلارغا كۆرسىتىشكە بولمايدىغان ئەزالار ،ئەۋرەت؛
- ئەۋرەز — يۇندا قۇدۇغى؛ تۆكۈلگەن سۇ سىڭىپ كېتىدىغان ئورا.
- ئەۋرەڭ — تەخت ، تاج ؛ شەۋكەت ؛ ئەقىل ؛ گۈزەللىك ؛ ئاسمان ؛ ھۈكەر؛
- ئەۋرۈرمەك — ئايلاندۇرماق ، چۆرگىلەتمەك ؛
- ئەۋرۈشمەك — ؛1) دەۋر قىلىپ يىغىلماق ، چۆرىدەپ توپلانماق؛ 2) ئۇلاشماق؛
- ئەۋرۈلەمەك — ئۆرۈلمەك ؛ يۈز ئۆرۈمەك؛
- ئەۋرۈلمەك — ئايلانماق؛
- ئەۋزائ — ؛«ۋەزئ»نىڭ كۆپلۈكى : ۋەزىيەتلەر ، ھالەتلەر؛
- ئەۋزار — ئەسۋاب ، قورال ، سامان، ئەفزار؛
- ئەۋزان — ؛«ۋەزن»نىڭ كۆپلۈكى : ۋەزىنلەر ، ئۆلچەملەر؛
- ئەۋزەھ — ئەڭ ئوچۇق ، ئەڭ روشەن؛