لۇغەتنى كۆرۈش
- ئەنئەنەۋى/ئادەتتىكى — Conventional(سۈپەت)--ئادەتتە قوبۇل قىلىنغان، ئەنئەنەگە ماس، كۆپچىلىك ئىشلىتىدىغان، ئۆلچەملىك، يېڭىلىق ئەمەس، ئادەتتىكى،
- ئەنا — مۇشەققەت ، قىيىنچىلىق ؛ چارچاش ، ھېرىش؛ [رەنجۇ ئەنا -- جاپا - مۇشەققەت]؛
- ئەنابىر — ؛«ئەنبەر» نىڭ كۆپلۈكى : ئەنبەرلەر؛
- ئەناجىل — ؛«ئىنجىل»نىڭ كۆپلۈكى : ئىنجىللار ؛ بىشارەتلەر؛ خۇش خەۋەرلەر؛
- ئەنادىل — ؛«ئەندەلىب »نىڭ كۆپلۈكى : بۇلبۇللار ؛
- ئەناسىر — ؛«ئۇنسۇر»نىڭ كۆپلۈكى : ئۇنسۇرلار ؛ ماددالار ، ئېلېمېنتلار (سۇ ، تۇپراق ، ئوت ، ھاۋا)؛
- ئەنام — كىشىلەر ، ئادەملەر ، ئىنسانلار ، يارىتىلمىشلار؛ [بەينەلئەنام --خەلقئارا ، كىشىلەر ئاراسىدا]؛
- ئەنامىل — ؛«ئەنمەلە» نىڭ كۆپلۈكى : بارماق ئۇچلىرى؛
- ئەنانىييەت/ئەنەنىييەت — مەنمەنلىك ، مەغرۇرلۇق ، ھېچكىمنى مەنسىتمەسلىك ، ئۆزەمچىلىك ؛ شەخسىيەتچىلىك ،نەپسانىيەتچىلىك؛
- ئەنە — مەن؛ [ئەنە ئەفسەھ -- مەن ئەڭ پاساھەتلىك]؛
- ئەنەس — پەيغەمبەر ساھابىلىرىدىن بىرىنىڭ نامى؛
- ئەنەگە — تۇغۇت ئاناسى ، تەربىيەچى خوتۇن؛ ئېمىكئانا ، سۈت ئاناسى؛
- ئەنەلھەق — مەن ھەقلىقمەن ، مەن دۇرۇسمەن ، مەن ھەقمەن؛
- ئەنبار — ئارتۇق نەرسەلەرنى يىغىشتۇرۇپ قويىدىغان جاي ، ئامبار، خامان ،دۆۋە ، بارخان؛ خەستە، پالاڭ ، سۈپۈرەندە؛
- ئەنباركەش — ئەخلەت توشۇغۇچى ، قىغ توشۇغۇچى؛
- ئەنباز — شېرىك ، ھەمراھ ، ئورتاقچى؛
- ئەنبانچە — خالتا،قاپ،خۇرجۇن؛
- ئەنبە — ئىران ۋە ھىندىستاندا چىقىدىغان بىر خىل مېۋە؛
- ئەنبەر — ئەنبەر (بىر خىل قارا رەڭلىك خۇشبۇيلۇق. ئەدەبىياتتا يارنىڭ چېچى ،خالى ۋە قاشلىرى شۇنىڭغا ئوخشىتىلىدۇ)؛
- ئەنبەر ئالۇد/ ئەنبەرالۇد — ئەنبەر ئارىلاشتۇرۇلغان، تۇم قارا ۋە خۇشبۇي؛
- ئەنبەر بار — ئەنبەر ياغدۇرغۇچى، خۇشبۇي تارقاتقۇچى؛
- ئەنبەر بەز — ئەنبەرلىك ، ئەنبەر چېچىلغان ، خۇشبۇي ، خۇشپۇراق؛
- ئەنبەر سا/ئەنبەر ساي — ئەنبەرگە ئوخشاش؛
- ئەنبەر سىرىشت — ئەنبەرلىك ، ئەنبەرلەنگەن ، خۇشبۇي؛