لۇغەتنى كۆرۈش
- ئەكەك — ئىكەك؛
- ئەكەگۈ — ئىككى ، ھەر ئىككى ، ئىككىلا؛
- ئەكەمەك — ئىكىمەك ، ئىكەكلىمەك؛
- ئەكەۋ — ئىكەۋ؛
- ئەكەۋلەن — ئىككىيلەن؛ ئىكەۋلەن؛
- ئەكباد — ؛«كەبد» نىڭ كۆپلۈكى : جىگەرلەر؛ [ئەكباد پەيۋەندە -- پەرزەنت]؛
- ئەكبەر — ئەڭ كاتتا ، ئەڭ ئۇلۇغ ، ئەڭ چوڭ؛ ، زور؛ [سەئدى ئەكبەر -- مۇشتىرى (يوفىتىر) سەييارەسى؛
- ئەكتاف — ؛«كەتف»نىڭ كۆپلۈكى : يەلكىلەر ، تاغاق سۆڭەكلەر؛
- ئەكچە — چۈشىنىش قىيىن بولغان ياسالما سۆز؛
- ئەكرەم — ئىنتايىن مەرت ۋەئالىيجاناپلارنىڭ مۆتىۋەرلىرى،
- ئەكرەم — ئەڭ ھىممەتلىك ، ئەڭ سېخى ، ئەڭ مەرە ، ئەڭ ياخشى ؛ ئەڭ كارامەتلىك؛
- ئەكرەمۇلئەكرەمىن — ياخشىلارنىڭ ياخشىسى ، ھەممەدىن بەك ھىممەتلىك؛
- ئەكس — تەتۈر ئايلىنىش ، ئاستىن - ئۈستۈن بولۇش؛
- ئەكسەر — ئەڭ كۆپ ، تېخىمۇ كۆپ؛ دائىم ، كۆپىنچە؛
- ئەكسەرەن — كۆپىنچە ، كۆپ ھاللاردا؛
- ئەكسىي — تەتۈر،قارىمۇ-قارشى؛
- ئەكل — يېيىش ، تاماق يېيىش؛
- ئەكمەك — تېرىماق ، كۆممەك ، سالماق؛
- ئەكمەل — ناھايىتى مۇكەممەل ، ئىنتايىن يېتىلگەن ، ئەڭ كامىل؛
- ئەكمەھ — تۇغما قارىغۇ ، تۇغما كور؛
- ئەكناف — ؛«كەنەف»نىڭ كۆپلۈكى : تەرەپلەر ، ئەتراپلار؛
- ئەكنۇن — ئەمدى ، ھازىر؛
- ئەكۇل — تاماقنى كۆپ يەيدىغان ، قارنى يامان ، بالاخور قورساق؛
- ئەكىن — ؛1) تېرىلغۇ. 2) گۇماننى بىلدۈرىدىغان يۈكلىمە؛