لۇغەتنى كۆرۈش
- ئەقتار — ؛«قۇتر»نىڭ كۆپلۈكى: رايونلار ، جايلار؛ دىيامېتىرلار؛
- ئەقد — باغلاش ، تۈگۈش ؛ تۈگۈن ، باغلىنىش؛ نىكاھ؛
- ئەقدام — ؛«قەدەم»نىڭ كۆپلۈكى: قەدەملەر؛ [ئەقدام ئۇرماق -- ھەرىكەت قىلماق ؛ قەدەم باسماق]؛
- ئەقداھ — ؛«قەدەھ»نىڭ كۆپلۈكى : قەدەھلەر، پىيالىلەر؛
- ئەقدەس — ئىنتايىن مۇقەددەس؛ بەك مۇبارەك.
- ئەقدەس — ئەڭ مۇقەددەس؛
- ئەقدەم — ئەڭ قەدىم، ئەڭ بۇرۇن؛
- ئەقدى بەند — توختام تۈزۈش ، تويغا چاي ئىچكۈزۈش؛
- ئەقدى زەۋج — نىكاھ ، ئەر - خوتۇنلۇق مۇناسىۋەت؛
- ئەقران — ؛«قەرىن» نىڭ كۆپلۈكى :ئوخشىشىدىغانلار، جور كېلىدىغانلار ؛ تەڭتۇشلەر ؛ يېقىنلار؛
- ئەقرەب — ؛1) ئەڭ يېقىن؛ 2) چايان؛ كونا ئاسترونومىيە چۈشەنچەسى بويىچە ئاسماننىڭ سەككىزىنچى بۇرجى (بۇ بۇرج چايان شەكلىدە تەسەۋۋۇر ق
- ئەقرەبا — ؛«قەرىب» نىڭ كۆپلۈكى : قارىنداشلار ، تۇققانلار؛ ئەڭ يېقىن كىشىلەر؛
- ئەقرۇبا — ئۇرۇق-تۇققان.
- ئەقسا — ئەڭ يىراق جاي ، ئەڭ چەت يەر؛ [مەسجىدى ئەقسا -- ئېرۇسالىم (قۇددۇس )دىكى كاتتا مەسچىت؛ [مەقسەدى ئەقسا -- ئەڭ ئاخىرقى مەقسە
- ئەقسائى چىن — چىننىڭ يىراق جايى، چىننىڭ ئەڭ چەتى؛
- ئەقسام — ؛«قىسم»نىڭ كۆپلۈكى : قىسىملار ، بۆلۈملەر؛
- ئەقسۇم — ئاخسۇم؛
- ئەقل — ئەقىل ، زېمىن ، ئىدراك؛ [ئەقل سەررافى: ئەقىل زەرگىرى]؛ [ ئەقل نام ئاۋەرى -- نام قويغۇچى]؛
- ئەقلام — ؛«قەلەم»نىڭ كۆپلۈكى : قەلەملەر؛
- ئەقلەن — ئەقىل جەھەتتىن ، ئەقىل بىلەن؛
- ئەقلزۇدا — ئەقىلنى ئوغرىلىغۇچى ، ئەقىلنى ئوۋلىغۇچى ، ھوشسىزلاندۇرغۇچى؛
- ئەقلكۇش — ئەقىلنى كەتكۈزگۈچى ، قارا باستۇرغۇچى؛
- ئەقلى كۇل — مۇكەممەل ئەقىل ، ئىلاھىي ئەقىل ؛ ئىلاھ ؛
- ئەقلى مۇجەررەد — پاك ئەقىل ، ئۆتكۈر زېھىن؛