لۇغەتنى كۆرۈش
- ئەسۈرمەك — مەست بولماق؛
- ئەسۋاب — ؛«سەۋب»نىڭ كۆپلۈكى: كىيىم - كېچەكلەر ، ئۈستىباشلار؛
- ئەسۋات — ؛«سەۋت»نىڭ كۆپلۈكى : تاۋۇشلار ، ئاۋازلار؛
- ئەسۋەد — قارا ، قاپقارا ، قارا رەڭلىك؛
- ئەسىر — ؛1) باشقىلارنىڭ قولىغا چۈشكەن ، تۇتقۇن ، ئەسىر؛ [ئەسىردامى ئىشىق-- ئىشىق توزىقىغا چۈشكەن]؛ 2)مۈشكۈل ، تەس ، مۇشەققەتلىك
- ئەسىرانە — تۇتقۇندەك، ئەسىرگە ئوخشاش؛
- ئەسىركەمەك — ئېچىنماق ، ھېسداشلىق قىلماق، قوغدىماق ، ئاسرىماق، ئەپسۇسلانماق؛
- ئەسىرى مىھەن — ئاپەتكە دۇچار بولغان ، مۇشەققەتكە دۇچار بولغان؛
- ئەسىغ — پايدا ، بەھر، نەپ؛
- ئەش — ھەمرا؛ بالانىڭ ھەمرايى.
- ئەش — ھەمراھ ، جۇپت، جۆرە؛
- ئەشئار — شېئىرلارجەمئىسى؛ شېئرلار توپلامى.
- ئەشئار — ؛«شېئىر»نىڭ كۆپلۈكى: شېئىرلار ، شېئىرىيەت؛
- ئەشئەرىيە — كالام ئىلمىنىڭ بىر ئېقىمى؛
- ئەشەدد — ئەڭ شىددەتلىك ؛ ئەڭ قاتتىق؛
- ئەشەددىي/ۋەھشىي — Fierce(سۈپەت)--ئىنتايىن كۈچلۈك، ۋەھشىي، قاتتىق، شىددەتلىك دېگەن مەنالارنى بىلدۈرىدۇ. بۇ ھايۋانلارنىڭ ۋەھشىيلىكى، جەڭنىڭ
- ئەشەرات — ؛«ئەشەرە»نىڭ كۆپلۈكى : ئونلار ، ئونلار خانىسى ، ھەر ئونلۇق پەللىسىدىكى سانلار؛ مەسىلەن ، 10 ، 20 ، 30 . 40 دېگەنگە ئوخشا
- ئەشەرە — ئون؛
- ئەشەرەئى كامىلە — ساق ئون؛ پاكلىقتا كامالەتكە يەتكەن قىز؛
- ئەشەكمۇنچاق — كۆپىنچە ئېشەككە تاقىلىدىغان ياپىلاق ، كۆك رەڭلىك مۇنچاق؛
- ئەشباھ — ؛«شەبھ» نىڭ كۆپلۈكى : سايىلەر ، يىراقتىن كۆرۈنگەن قارا يوچۇن گەۋدىلەر؛ 2)«شىبھ،شەبىھ»نىڭ كۆپلۈكى: ئوخشاشلىقلار؛
- ئەشبەھ — ئوپئوخشاش؛
- ئەشجار — ؛«شەجەر»نىڭ كۆپلۈكى : دەرەخلەر؛
- ئەشچى — دوست ، ھەمراھ؛