لۇغەتنى كۆرۈش
- ئەدل — ئادالەت ، توغرىلىق ، ئىنساب؛
- ئەدلۇ داد — ئادالەت ۋە ئىنساب؛
- ئەدنا — ئەڭ پەس، ئەڭ تۆۋەن ، ئەرزىمەس؛ [ئەدنا مەقام--ئەڭ تۆۋەن ئورۇن]؛
- ئەدھەم — قارا ؛ قارا تورۇق ئات؛
- ئەدۇ — دۈشمەن؛ رەقىپ
- ئەدۇۋ — دۈشمەن، ياۋ؛ [ئەدۇۋ خەيلى--دۈشمەن گۇرۇھى،دۈشمەن كىشىلىرى]؛
- ئەدۇۋ بەند — دۈشمەننى ئەسىر ئالغۇچى؛
- ئەدۇۋۋەش — دۈشمەنگە ئوخشاش ، دۈشمەن تەبىئەتلىك؛
- ئەدۋار — ؛1) «دەۋر»نىڭ كۆپلۈكى : دەۋرلەر ، زامانلار ، ئەسىرلەر؛ئايلىنىشلار ، دائىرىلەر؛ 2) مۇزىكا ئىلمى ، كىلاسسىك مۇزىكانىڭ كونا
- ئەدۋىيە — ؛«دەۋائ»نىڭ كۆپلۈكى: دورىلار ، دورا - دەرمان؛
- ئەدىب — تەربىيەچى ، مۇئەللىم؛ ئەدەبىياتچى ، ئەدىب؛
- ئەدىدە — بىردىن ئارتۇق ، بىرقانچە ، بىرنەچچە ؛
- ئەدىز — ؛(1) ئېگىز ، يۈكسەك؛ (2)چۆل؛جەزىرە؛
- ئەدىزلىك — ئېگىزلىك ، بۈيۈكلۈك؛
- ئەدىش — قاچا ، لوڭقا؛
- ئەدىل — ؛(1) تەڭ باراۋەر ، ئوخشاش باھادىكى ، تەڭ مىقداردىكى ؛ ئوخشاش ، مەناداش ؛ ئادالەتلىك؛ (2) ئىدىل دەرياسى ، ۋولگا؛
- ئەدىلچە — ئېقىن ،ئۆستەڭ؛
- ئەدىلچىك — ئەدىلچە؛
- ئەدىم — يوق ، بولمىغان ، كۆرۈلمىگەن؛ [مىسلىڭ ئەدىم-- تەڭدىشىڭ يوق]؛
- ئەدىمۇل ئىستىتائەت — قۇدرەتسىز ، كۈچسىز؛
- ئەدىمۇلمىسل — تەڭدىشى يوق ، مىسلىسىز؛
- ئەديال — "Blanket" (ئەديال) يۇمشاق، قېلىن ماتېرىيالدىن ياسالغان بىر پارچە كىچىك ياكى يوغان كۆرپە بولۇپ، ئادەتتە ئىسسىقلىق ساقلاش،
- ئەديان — ؛«دىن» كۆپلۈكى : دىنلار؛
- ئەر — ؛«ئەگەر»نىڭ قىسقارتماسى؛