لۇغەتنى كۆرۈش
- ئەجساد — ؛«جەسەد» نىڭ كۆپلۈكى : جەسەتلەر ، گەۋدىلەر؛
- ئەجلاف — ساددا ۋە گۆل كىشىلەر ، نادانلار ، بىلىمسىزلەر ؛ قوپاللار ؛
- ئەجمەئۇن/ئەجمەئىن — پۈتكۈل ، ھەممە ، بارچە ، ھەممە ئادەم؛
- ئەجمەل — ئەڭ گۈزەل ، قالتىس چىرايلىق؛
- ئەجناس — ؛«جىنس» نىڭ كۆپلۈكى : تۈرلەر ، خىللار ؛ جىنسلار؛ رەختلەر ، ماللار ، تاۋارلار ؛
- ئەجناسۇ نەقد — مال ۋە مەبلەغ؛
- ئەجنەبىي — چەت ئەللىك ، بىگانە ، يات ؛ [ئەجنەبىي سۆز-- چەت تىل]؛
- ئەجنەبىييەت — ئەجنەبىيلىك؛
- ئەجنىھە — »جەناھ»نىڭ كۆپلۈكى : قاناتلار؛
- ئەجھەل — ئەڭ نادان ، ئەڭ بىلىمسىز، ئەڭ جاھىل؛
- ئەجۇبە — ئاجايىپ ، قىزىق ، ھەيران قالدۇرارلىق؛
- ئەجۈز — قېرى بوۋاي ، قېرى چال ، قېرى . . ئەجۈزە؛
- ئەجۈزە — قېرى كەمپىر ، قېرى خوتۇن؛ ئاسمان ، پەلەك؛
- ئەجۋەف — كاۋاك ، بوش ؛
- ئەجۋىبە — ؛«جەۋاب»نىڭ كۆپلۈكى؛ جاۋابلار؛
- ئەجىب — ئاجايىپ ، ئەجەبلىنەرلىك ، غارايىپ ، غەلىتە؛
- ئەجىبە — مۆجىز، ، كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان ئىش ؛ غارايىب ئىش ، غەلىتە ئىش؛
- ئەجىر — قىلىنغان ئىش؛ سىڭدۇرۇلگەن ئەمگەكنىڭ ھەققى
- ئەجىر — ياللانغان ، پەدىرگە ئېلىنغان؛ ياللانما ، مەدىكار ، چاپارمەن؛
- ئەجىز — ئاجىزلىق.
- ئەجىللە — ؛«جەلىل»نىڭ كۆپلۈكى : ئۇلۇغلار ، بۈيۈك زاتلار؛
- ئەجىللەئى ئەسھاب — ھۆرمەتلىك ھەمسۆھبەتلەر، مۆھتەرەم ئۈلپەتلەر؛
- ئەچكۆ — ئۆچكۈ ؛
- ئەچىرەشمەك — ئايرىلماق ، جۇدا بولماق ، پاراكەندە بولماق؛