لۇغەتنى كۆرۈش
- ئەتشان — ئۇسسۇز ، ئۇسسىغان ، تەشنا بولغان ، تەشنا؛ تەقەززالىق بىلەن كۈتكۈچى ، تاقەتسىزلىك بىلەن تىلىگۈچى؛
- ئەتف — بۇرۇلۇش ، مەيل قىلىش ، قايرىلىش ؛ ئىچ ئاغرىتىش ، ھېسداشلىق قىلىش؛
- ئەتفال — ؛«تىفل»نىڭ كۆپلۈكى : ياش بالالار ، گۆدەكلەر؛[بازىچەئى ئەتفال--بالالار ئويۇنچۇقى]؛
- ئەتفال(ئەتنال) — ئۇششاق بالالار.
- ئەتقىيا — ؛«تەقىي»نىڭ كۆپلۈكى ، يامان ئىشتىن ساقلانغۇچىلار ، تەقۋادارلار؛
- ئەتكە — تەربىيەچى، ھامىي ، ئاسرىغۇچى؛ بەگ ئەتكە؛
- ئەتكەس — مەنئى قىلىنغان چەكلەنگەن.
- ئەتلەس — يىپەكتىن توقۇلغان نېپىز رەخت ، ئەتلەس؛ تەكشى ، سىيلىق ؛ كۆك ،ئاسمان؛ [چەرخى ئەتلەس-- ئاسمان]؛
- ئەتلەسى گەردۇن — كۆك ، ئاسمان؛
- ئەتمەك — تاماق ، غىزا ، نان؛
- ئەتمەكچى — نانچى، ناۋاي؛
- ئەتۇف — شەپقەتلىك ، مېھرىبان؛
- ئەتۇفەت — شەپقەت ، مەرھەمەت ، مېھىر؛
- ئەتۈك — ئۆتۈك ؛
- ئەتۋار — ؛«تەۋر»نىڭ كۆپلۈكى : مېڭىش - تۇرۇش ، خۇي - پەيل ،ھەرىكەتلەر ، ھالەتلەر؛ يول،ئۇسلۇپ؛ تەبىئەت ، ئادەت؛
- ئەتۋىركە — كۇلۇچ-ئەسۋاب تۈرى؛
- ئەتىئو — ئىتائەت قىلىڭلار؛[ ئەتىئوللاھ--سىلەر ئاللاھقا ئىتائەت قىلىڭلار]؛
- ئەتىب — ئەڭ ياخشى ، بەك ياخشى؛
- ئەتىببا — ؛«تەبىب» نىڭ كۆپلۈكى: تېۋىپلار ، دوختۇرلار ، داۋالىغۇچىلار؛
- ئەتىر ئەنگىز — ئەتىر پۇراقلىق ، خۇشبۇي؛
- ئەتىرناك — خۇشپۇراقلىق ، خۇشبۇي؛
- ئەتىشلەمەك — بىللە ئىشلىمەك؛
- ئەتىق — كونا ، قەدىمقى ، بۇرۇنقى؛
- ئەتىك / بوت — Boots(ئىسىم)-- ئادەتتە تۆپىگە ياكى ئۇنىڭدىنمۇ يۇقارىغىچە يېتىدىغان، مۇستەھكەم ماتېرىياللاردىن ياسالغان، ئايىغىنى ۋە بالد