لۇغەتنى كۆرۈش
- ئەبراسا — بۇلۇتقا ئوخشاش؛
- ئەبرە — ؛1)ياش تامچەسى ، ياش ئۈنچەسى؛ 2) (كىيىمنىڭ ) ئوڭ تەرەپى ۋە چېتى؛
- ئەبرەس — بەدىنىگە ئاق چۈشكەن كىشى ، پېسى . جۇزام، ماخاۋ؛
- ئەبرەش — قىزىل ئالا، ئاق ئالا ، تاغىل ، شۇ تۈستىكى ئات؛
- ئەبرو — قاش ، ئادەمنىڭ قېشى؛
- ئەبرو شام — ھىلال ، يېڭى چىققان ئاي؛
- ئەبرو فەلەك — ھىلال ، يېڭى چىققان ئاي؛
- ئەبرى بەھار — كۆكلەم بۇلۇتى ،باھار بۇلۇتى؛
- ئەبرى بەھاران — ئەتىياز بۇلۇتى؛
- ئەبرى پۇربار — قارا يېغىن بۇلۇتى، قارا يېغىن ، قاتتىق يامغۇر؛
- ئەبرى قىرمانەد — قارا بۇلۇت؛
- ئەبرى كەرەم — ياخشىلىق بۇلۇتى ، زور ياخشىلىق؛
- ئەبرى مەتىر — يامغۇر بۇلۇتى؛
- ئەبرى نەۋ باھار — باش ئەتىياز بۇلۇتى؛
- ئەبرى نەۋروز — باھار بۇلۇتى، خاسىيەتلىك بۇلۇت؛
- ئەبكار — «بىكر»نڭ كۆپلۈكى: قىزلار؛ [مەئنا ئەبكار-- نازۇك پىكىرلەر ، ساپ پىكىرلەر]؛
- ئەبكەم — گاچا ، تىلسىز؛
- ئەبكەملىق — تىلسىزلىق ، گاچىلىق؛
- ئەبلەغ — بالاغەتكە يەتكەن ؛ ئەڭ روشەن ئىپادىلىك ، ئەڭ پاساھەتلىك؛
- ئەبلەق — ئالا - بۇلا ، ئالا - تاغىل ، تاغىل ؛ ياۋايى ئات؛ [زەمانە ئەبلەقى--كېچە - كۈندۈز]؛
- ئەبلەقسۇۋار — تاغىل ئات مىنگەن؛
- ئەبلەھ — ئەقىلسىز ، دۆت ؛ گاچا؛ [ئەبلەھ فىرىب--ئەقىلسىزلەرنى ئالدىغۇچى، ئەخمەق قىلغۇچى؛
- ئەبلەھانە — ئەخمەق، ئەخمىقانە ، نادان ، نادانلارچە؛ دۆت؛
- ئەبنا — «ئىبن»نىڭ كۆپلۈكى : ئوغۇللار ، بالالار؛