لۇغەتنى كۆرۈش
- ئەئداد — ؛«ئەدەد» نىڭ كۆپلۈكى : سانلار ، ساناقلار ، رەقەملەر؛
- ئەئراب — ؛«ئەرەب»نىڭ كۆپلۈكى : ئەرەبلەر؛
- ئەئرابىي — بەدەۋى (سەھرادا ياشىغۇچى ) ئەرەبلەر؛
- ئەئراز — ؛«ئەرز» نىڭ كۆپلۈكى : پەيدا بولۇشلار ، تۇغۇلۇشلار؛ بارلىققا كېلىشلەر ؛ تەسادىپىيلىقلار،تەسادىپىي ۋەقەلەر ؛ تاشقى بەلگەلە
- ئەئرەج — ئاقساق ، توكۇر؛
- ئەئزائ — ؛«ئوزۋ»نىڭ كۆپلۈكى : ئەزالار؛
- ئەئزەم — ئەڭ ئۇلۇغ ، ئەڭ بۈيۈك ، ئەڭ يۈكسەك؛ [ئەئزەم سەۋاد--كاتتا شەھەر؛يىراقتىن چوقچىيىپ كۆرۈنۈپ تۇرغان جاي؛ ئامما ، كۆپچىلىك]؛[
- ئەئسار — ؛«ئەسر» نىڭ كۆپلۈكى : ئەسىرلەر ، زامانلار؛
- ئەئقەل — ئەڭ ئەقىللىق ، ئەڭ ئاڭلىق؛
- ئەئلا — ئەلا ، يۇقارى ؛ ئەڭ ياخشى ؛
- ئەئلام — ؛«ئەلەم»نىڭ كۆپلۈكى: بايراقلار ، بەلگەلەر؛ مەشھۇر زاتلار؛
- ئەئلەم — ئەڭ كۆپ بىلگۈچى ، ئەڭ بىلىملىك ، كاتتا ئالىم؛
- ئەئما — كور . كۆزسىز ، قارىغۇ؛
- ئەئمال — ؛«ئەمەل»نىڭ كۆپلۈكى: ئەمەللەر ، ئىشلار ، خىزمەتلەر؛ [نامەئى ئەئمال -- ئارخىپ ، ئىش خاتىرەسى]؛
- ئەئمالى خەير — ياخشى ئىشلار ، خەيرلىك ئىشلار؛
- ئەئۋام — ؛«ئام»نىڭ كۆپلۈكى: يىللار ؛ زامانلار؛
- ئەئۋان — ؛«ئەۋن»نىڭ كۆپلۈكى: ياردەمچىلەر، قولداشلار؛
- ئەئىززە — ؛«ئەزىز»نىڭ كۆپلۈكى: ئەزىزلەر ، ھۆرمەتلىكلەر؛
- ئەئىززەئى ئەھباب — ئەزىز دوستلار؛
- ئەئىممە — ؛«ئىمام»نىڭ كۆپلۈكى : ئىماملار ، مەزھەب باشلىقلىرى؛ ئالىملار؛
- ئەئىممەئى كەلام — كەلام ئىلمى ئالىملىرى، قۇرئان تەپسىرچىلىرى؛
- ئەب — ئاتا ، دادا ، پەدەر؛
- ئەبا — دەرۋىش ۋە قەلەندەرلەر كىيىدىغان ، قوپال يۇڭ رەختتىن تىكىلگەن قىسقا يەڭلىك چاپان؛
- ئەبا ۋە ئەجداد — ئاتا - بوۋىلار؛