لۇغەتنى كۆرۈش
- ئاغۇ — زەھەر، ئوغا؛
- ئاغۇش — قۇچاق، باغىر ، كۆكرەك؛ [ھەماغۇش بولماق-- قۇچاقلاشماق ، بىر - بىرىنى باغرىغا بېسىشماق؛
- ئاغۇلۇغ — زەھەرلىك؛
- ئاغۇنماق — زەھەرلەنمەك؛
- ئاغى(ئاغى قىلماق) — بىر ئىشنى قىلىشتىن باش تارتىپ كۆرسىتىلگەن ئورۇنسىز بانا-سەۋەپ.
- ئاغىچا يۇغۇچ — تەرخەمەك تىپىدىكى ئۆسۈملۈكنىڭ قازان يۇيۇشقا ئىشلىتىدىغان مىۋەسى.
- ئاغىر — ۋەزمىن ، ئېغىر ، ئېغىر - بېسىق ؛ قىممەت؛[ئاغىر ساتماق--قىممەت ساتماق ، يۇقارى باھادا ساتماق]؛
- ئاغىرسى — ھۆرمەت ، ئېھتىرام؛
- ئاغىرلاماق — ئۇلۇغلىماق ، ھۆرمەتلىمەك ؛ ئەتىۋارلاپ كۆتمەك ، مېھمان قىلماق ؛ يۇقارى باھالىماق؛
- ئاغىز دىرىق — ئېغىزدۇرۇق؛
- ئاغىشتە/ ئاغۇشتە — ھۆل بولغان ، مىلەنگەن ، كىرلەنگەن ، بۇلغانغان ، ئارىلاشقان؛
- ئاغىل — ئېغىل؛
- ئاغىمتۇل — ئاقۇش؛
- ئاغىن — گاچا ؛ كېكەچ؛
- ئاغىنە — ؛(ئاغا+ ئىنى) بىر-بىرى بىلەن ئىناق ئۆتىدىغان دوست،ئاداش،بۇرادەر؛
- ئافات — «ئافەت»نىڭ كۆپلۈكى : ئاپەتلەر ، بەختسىزلىكلەر؛
- ئافاق — «ئوفۇق» نىڭ كۆپلۈكى : ئۇپۇقلار ، دۇنيا؛ [ ئەرسەئى ئافاق-- يەر يۈزى ، پۈتۈن دۇنيا]؛
- ئافاقسوز — جاھاننى كۆيدۈرگۈچى،ھەممەنى كۆيدۈرگۈچى؛
- ئافاقكەرە — دۇنيانى كەزگۈچى ، جاھانكەشتى؛
- ئافەت — بالا ، ئاپەت ، مۇسبەت؛[ ئافات ئەنگىز--ئاپەت كەلتۈرگۈچى ،زىيان سالغۇچى]؛
- ئافەتى جان — جانغا ئاپەت سالغۇچى ؛ گۈزەل يار؛
- ئافەرىدە — يارىتىلغان ، مەخلۇق؛
- ئافەرىن — ؛1)ئاپىرىن ، ياشا! بارىكاللاھ! 2) ياراتقۇچى ، پەيدا قىلغۇچى؛ [جان ئافەرىن--جان ياراتقۇچى، ئاللاھ]؛ [ئافەرىن سۇنئى--يارىت
- ئافەرىنىش — يارىتىش ؛ يارىتىلىش ، ۋۇجۇتقا كېلىش؛ [ئافەرىنىش تەرھى-- يارىتىش پىلانى]؛