لۇغەتنى كۆرۈش
- بەدخەج — ئىسراپخور پۇلنى بۇزۇپ-چاچقۇچى.
- بەدخور — قېرىق ، ئىچىمسىز؛
- بەدخۇ/بەدخۇي — بەتخۇي، يامان ئادەتلىك ، يامان پەيلىلىك ، يامان قىلىقلىق ، خۇيى ئوسال؛
- بەدخۇمار — ئىچىملىك ئىچكەندىن كېيىنكى ئەڭ ئوسال ھالەت ، يامان خۇمارلىق؛
- بەددۇئا — قاغىش تەككەن؛ تەتۈر پېشانە؛ تەلەيسىز؛
- بەددۇئا — قاغىش ؛
- بەدر — تولۇن ئاي ، ئون تۆت كۈنلۈك ئاي؛ [بەدرۇددىن -- دىننىڭ تولۇن ئېيى]؛
- بەدرەفتار — مېڭىشى سەت ، يۈرۈشى كۆرۈمسىز؛ ماڭالماي قالغان؛
- بەدرەقە — رەھبەر ، يولباشچى ، يول باشلىغۇچى ؛ كارۋان بېشى؛
- بەدرەگ — تېگى پەس ، كېلىپ چىقىشى يارىماس ؛ نائەھلى ، توغرا كەسىپ بىلەن شۇغۇللانمايدىغان]؛
- بەدرەنگ — كۆرۈمسىز ، سەت؛
- بەدرو/بەدروي — تەلەتى سەت ، كۆرۈمسىز؛
- بەدروز/بەدروزگار — بەختسىز ، تىرىكچىلىكى ئېغىر، كۈنى ئوسال؛ تۇرمۇشى قىيىن،ئوڭمىغان،بەختسىز؛
- بەدرى لامىئ — پارلاپ تۇرغان تولۇن ئاي؛
- بەدرى مۇنىر — نۇر چېچىپ تۇرغان تولۇن ئاي؛
- بەدزەبان — ئاغزى يامان ، گېپى سېسىق، گېپى ئەسكى؛
- بەدسىگال — نىيەتى بۇزۇق ، يامان پىكىرلىك ، يامان خىيالدىكى؛
- بەدقىلىق — قىلىقى سەت؛
- بەدكارە/بەدكار — ئەخلاقسىز ، يامان ئىشلار بىلەن شۇغۇللانغۇچى؛
- بەدكەلام — ئاغزى يامان؛
- بەدكىردار — يامان تەبىئەتلىك ، ئەسكى قىلىقلىق ، قىلىقسىز؛
- بەدگۇ — گېپى قوپال ، گېپى سېسىق ؛ تۆھمەتچى ؛ غەيۋەتخور؛
- بەدگىر — ئىچى قارا ، كۆرەلمەس ؛ ئاداۋەتچى؛
- بەدلەھجە — تەلەپپۇزى تۇتۇق ؛ گېپى يېقىمسىز ، گېپى سېسىق ، سۆزى قوپال؛