لۇغەتنى كۆرۈش
- ئىشتىئال — يېنىش ، لاۋۇلداپ كۆيۈش (ئوت ) ؛ شولا چېچىش ، يورۇش؛
- ئىشتىباھ — شۈبھە ، گۇمان ، شەك؛
- ئىشتىراپ — پۇل جازاسى؛
- ئىشتىراك — قوشۇلۇش ، قاتنىشىش ، ئورتاقلىشىش ، شىرىك بولۇش؛
- ئىشتىغال — شۇغۇللىنىش ، مەشغۇل بولۇش؛ [ئىشتىغال كۆرگۈزمەك --- شۇغۇللانماق]؛
- ئىشتىھا — ئورگانىزىمنىڭ يىمەك-ئىچمەك جەھەتتىكى ئېھتىياج ۋە ھەۋەسلىرى؛
- ئىشتىھائ — ئارزۇ قىلىش ، تىلەش ، كۆڭلى تارتىش؛
- ئىشتىھار — مەشھۇر بولۇش ، داڭ چىقىرىش ؛ شۆھرەت ، داڭ؛ [ئىشتىھار تاپماق --- شۆھرەتلەنمەك، شۆھرەت تاپماق]؛
- ئىشتىياق — تەقەززالىق ، سېغىتىش ؛ دىل خاھىشى ، كۆڭۈل ئىستەكى؛
- ئىشجار — دەرەغ؛
- ئىشراق — يورۇتۇش ، نۇرلاندۇرۇش ؛ پارلاش ، يالتىراش ؛ پارلاپ چىقىش(قۇياش ھەققىدە)؛
- ئىشراقىي — قەدىمقى يۇنان ھېكىملىرىنىڭ بىر مەزھىپى؛
- ئىشرەت — ھۇزۇرلىنىش ، يەپ - ئىچىپ ئولتۇرۇش ، شادلىنىش ، ئىچىملىك ئىچىپ ئولتۇرۇش ،ئولتۇرۇش قىلىش ؛ دوستلىشىش ، باردى - كەلدى قىلىش
- ئىشرەت ئەنگىز — شادلىق قوزغىغۇچى؛ شادلاندۇرغۇچى ، شادلىق بېغىشلىغۇچى ، ھۇزۇرلاندۇرغۇچى؛
- ئىشرەت فەزا — ھاياتنى جانلاندۇرغۇچى ؛ تۇرمۇشقا ھۇزۇر بېغىشلىغۇچى؛
- ئىشرەتسەرا — ئىشرەتخانا، ساراي ، قەسىر ؛
- ئىشرەتسىگال — ئىشرەتكە مايىل ؛ شاد، خۇشۋاق؛
- ئىشرەتگاھ — كەيپ - ساپا ئورنى ؛ ئىشرەتخانا؛
- ئىشرەتى پەيمانە — خۇشاللىق شارابى ، شادلىق مەيى؛
- ئىشغال — شۇغۇللاندۇرۇش ، مەشغۇل قىلىش ، بىر ئىش بىلەن بەنت قىلىش؛ئىگىلەش ، تاجاۋۇز قىلىپ بېسىۋېلىش؛
- ئىشغالىيەت — زورلۇق ھەم كۈچ بىلەن بېسىۋالماق؛
- ئىشفاق — شەپقەت ، مېھرىبانلىق ، خەيرخاھلىق؛ [ئىشفاق ئەتمەك --- شەپقەت قىلماق، مېھرىبانلىق قىلماق]؛
- ئىشق — سۆيگۈ ، بىراۋنى چىن كۆڭلىدىن يارىتىش ، مۇھەببەت؛ [ ئىشق ۋادىيسى --- مۇھەببەت ۋادىسى؛ سوپىزم تەلىماتىدىكى ئىككىنچى تەبىقە
- ئىشقاۋۇل — قورۇقچى؛ جىسەكچى؛