لۇغەتنى كۆرۈش
- ئىستىخلاس — خالاس قىلىش ، قۇتقۇزۇش ، ئازاد قىلىش؛
- ئىستىخىيە — ئۇيۇشمىغان ھالدا ۋە تەرتىپسىز رەۋىشتە،پىلانسىز ۋە رەھبەرلىكسىز بولىدىغان ھەركەت؛
- ئىستىدئا — تىلەش ، يېلىنىپ سوراش ، يالۋۇرۇش ، تەكلىپ قىلىش ، چاقىرىش؛ [ئىستىدئا قىلماق --- يېلىنىپ - يالۋۇرۇپ سورىماق]؛
- ئىستىدات — قابىليەت؛ ئىشقا تەييارلانماق؛ تىرىشچانلىق؛
- ئىستىدامەت — بىرەر ئىشنىڭ داۋاملىق بولۇشىنى تىلەش ، دائىملىقنى ئىزدەش؛
- ئىستىدلال — بىرەر دەۋانى ئىسپاتلاش ئۈچۈن دەلىل كەلتۈرۈش، بىرەر بەلگە ئارقالىق بىر نەرسەنى بىلىش؛
- ئىستىراھەت — دەم ئېلىش ، راھەتلىنىش؛
- ئىستىراھەتگاھ — ئارام ئالىدىغان جاي (يەر)؛
- ئىستىرزائ — رازىلىق سوراش؛ [ئىستىرزائ قىلماق --- رازىلىق سورىماق]؛
- ئىستىرھام — ياخشىلىق تىلەش ، مەرھەمەت ئىزدەش ؛ كەچۈرۈم تىلەش؛
- ئىستىزھار — ھىمايە تەلەپ قىلىش ، ياردەم سوراش؛
- ئىستىسقائ — يېغىن تىلەش ، يامغۇر تىلەپ دۇئا قىلىش؛ قېرىنغا سۇ يىغىلىپ قېلىش كېسەلى؛
- ئىستىسنا — مۇناسىۋەتسىز؛ قائىدەدىن سىرت قالدۇرماق؛باشقىلاردىن ئايرىماق؛
- ئىستىسنائ — ئايرېۋېتىش، چىقىرىپ تاشلاش؛ چىقىرىپ تاشلانغان؛
- ئىستىشمام — پۇراقلىق قىلىش ، پۇرىتىش ، پۇراش؛ پۇراپ بىلىۋېلىش؛ پۇراق؛
- ئىستىشھاد — گۇۋاھلىق ئىزدەش ، پاكىت كەلتۈرۈش ، مىسال كەلتۈرۈش ،نەقىل كەلتۈرۈش؛
- ئىستىغاسە — مەدەت سوراش ، ياردەمگە چاقىرىش؛
- ئىستىغپار — گۇناھىنى كەچۈرۈشنى تىلىمەك؛ توۋا قىلىش؛ئەپۇ سورىماق؛
- ئىستىغراب — ئەجەبلىنىش ، ھەيران قېلىش؛
- ئىستىغراق — غەرق بولۇش ؛ چۆكۈش ، پىكىرگە چۆمۈش ، ئويغا چۆمۈش؛ سوپىلىق تەلىماتىدا كىشىنىڭ ھاياجانلىنىپ ، ئۆزىنى بىلمەس دەرەجەدە پىكىر
- ئىستىغفار — گۇناھىنى كەچۈرۈشنى ، ئەپۇ قىلىشنى سوراش ، كەچۈرۈم سوراش؛ [ئىستىغفار ئەتمەك، ئىستىغفار قىلماق --- تۆۋە قىلماق ، ئەپۇ سورى
- ئىستىغنا — ئۆزىگە ئىشىنىش ؛ بىراۋغا ئېھتىياجىسىز؛
- ئىستىغنائ — بايلىق ، ئېھتىياجسىزلىق ، تارتىنىش ، ناز قىلىش ؛ پەرۋاسىزلىق، كەڭ قوللۇق؛ [ئىستىغنائ قىلماق --- بايلىقنى ئىپادىلىمەك، ئې
- ئىستىفادە — پايدىلىنىش ، بىرەر نەرسەنى ئۆگىنىۋېلىش ، بىلىم ئېلىش ،ئۆگىنىش؛