لۇغەتنى كۆرۈش
- ئىرەم — ئەپسانەۋى گۈزەل بىر باغنىڭ نامى؛ [رەۋزەئى ئىرەم --- ئىرەم بېغى]؛
- ئىرەمۋەش — ئىرەم بېقىغا ئوخشاش؛
- ئىرتىبات — باغلىنىش ، ئۇلىنىش ، ئالاقە ، مۇناسىۋەت؛
- ئىرتىداد — چېكىنىش ، ئاينىش ، خائىنلىق؛
- ئىرتىفائ — ئېگىزلىك ، بۈيۈكلۈك ، يۇقارىلىق؛ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىك؛ كۆتۈرۈلۈش ، يۈكسىلىش؛
- ئىرتىكاب — پېتىپ قېلىش ، چۈشۈپ كېتىش ، گۇناھ قىلىش ، جىنايەت ئۆتكۈزۈش؛ [چاغىر ئىرتىكاب قىلماق --- ھاراق ئىچىپ گۇناھ قىلماق]؛ [ئىشقا
- ئىرجائ — قايتۇرۇش ، كەينىگە ياندۇرۇش ، كەتكۈزۈش؛
- ئىرجەئ — قايت ، قايتىڭ! (بۇيرۇق پېئىل) ؛ كۆچمە مەناسى: ئۆلۈم بۇيرۇقى؛
- ئىرجەيمەك — ھىجايماق، چىشلىرىنى كۆرسىتىپ كۈلمەك؛
- ئىرراتسىئونال — Irrational(ئىسىم/سۈپەت)--مەنتىق، ئاقىل ياكى ئەقىلگە ئاساسلانماي، ئېمدادى ياكى ھېسسىياتقا تايىنىپ قىلىنىدىغان ھەرىكەت، قا
- ئىرز — ئىپپەت ، نومۇس ، پاك بەدەن ، پاكلىق؛ كۆپلۈكى : ئەئراز ؛
- ئىرس — ۋارىسلىق؛
- ئىرسال — ئەۋەتىش ، يوللاش؛ يەتكۈزۈش؛ [ئىرسال ئەتمەك، ئىرسال ئەيلەمەك، ئىرسال قىلماق --- ئەۋەتمەك ؛ يەتكۈزمەك]؛
- ئىرسەن — ۋارىسلىق قىلىپ ؛ مىراس قىلىپ؛
- ئىرشاد — توغرا يول كۆرسىتىش ، توغرا يولغا باشلاش ؛ يېتەكلەش؛ [ئىرشاد ئەتمەك، ئىرشاد ئەيلەمەك، ئىرشاد قىلماق --- توغرا يولغا سالما
- ئىرشاد ئايىن — يولباشچىغا ئوخشاش ، يولباشچىدەك؛
- ئىرشادگەر — توغرا يول كۆرسەتكۈچى ؛ بىر؛
- ئىرشادمەند — يولغا چۈشكەن ، توغرا يولدا ماڭغۇچى؛
- ئىرغاتماق — ئېغاتماق ، سىلكىمەك؛
- ئىرغاق/ئىرغى — ئىلمەك ، قاماق؛
- ئىرغايتماق — ئىغاڭلاتماق ، سىلكىمەك ، چايقىماق ، ئېغاتماق؛ [باشنى ئىرغايتماق --- باش چايقىماق]؛
- ئىرفان — بىلىش ، تەپەككۇر بىلەن تونۇش ، مەرىپەت ، بىلىم؛
- ئىرفانپەناھ — بىلىم ئىگىلىرىنىڭ ھامىيسى ، مەرىپەتپەرۋەرلەرنىڭ قوغدىغۇچىسى ، ئالىم، دانىشمەن، مۇتەپەككۇر؛
- ئىرق — نەسىل ، نەسەب ، ئۇرۇق ، مىللەت ؛ يىلتىز ، ئاساس ، تۈپ ؛ تومۇر؛