لۇغەتنى كۆرۈش
- ئىچرەگى — ئىچىدەكى؛ [ئىچرەگى ھويلا --- ئىچكەركى ھويلا]؛
- ئىچكەرۇلە — ئىچكىرىلەپ ، ئىچىگە؛
- ئىچكەرۈ — ئىچكىرى؛
- ئىچكەك — جىن ؛
- ئىچكۈ — ئىچىملىك ، مەي ، شاراب ، ھاراق ، شاراب ئولتۇرۇشى؛
- ئىچكۈلەمەك — ئاستا ئىچمەك، ئاز - ئازدىن ئىچمەك ؛
- ئىچكۈلۈك — ئىچىملىك ؛ ئىچىشۋازلىق؛
- ئىچكى ئورگانلار — ئادەم بەدەن ئەزالىرى؛
- ئىچكى قوزغاتقۇچ بەلۋېغى — كومپيۇتېرنىڭ قېپى (case) ئىچىدە، قاتتىق دىسكا (HDD) ياكى قاتتىق ھالەت دىسكاسى (SSD) قاتارلىق ساقلاش ئۈسكۈنىلىرىنى ئورۇنل
- ئىچكىر — ئىچكىرى؛
- ئىچكىي — ھۆكۈمدارنىڭ يېقىن ئادىمى ، ساراي ئىچىدەكى بەگ. «ئىچكىي بەگ»مۇ دېيىلىدۇ؛
- ئىچلىك — توقۇم ؛
- ئىچمان — ئىچمەيمەن؛
- ئىچى — ئاكا ، ئاغا؛
- ئىچىچ — قازان؛
- ئىچىك — ئاياللارنىڭ قىشلىق چاپىنى ، ئاياللارنىڭ جۇۋىسى ؛
- ئىچىكمەك — تەۋە بولماق ، قارىماق ، تەۋەسىگە ئۆتمەك؛
- ئىچىم — يۇتۇم ؛ [بىر ئىچىم سۇ --- بىر يۇتۇم سۇ]؛
- ئىخافە — قورقىتىش ، خەۋپلەندۈرۈش؛
- ئىخبار — خەۋەرلەندۈرۈش ، مەلۇم قىلىش ، بىلدۈرۈش؛ [ئىخبار ئەيلەمەك --- خەۋەر بەرمەك ،بىلدۈرمەك]؛
- ئىخبارنامە — خەۋەرلەندۈرۈش قەغىزى ، ئۇقتۇرۇش قەغىزى؛
- ئىختار — ئەسكە سېلىش ، يادىغا چۈشۈرۈش، ئاگاھلاندۇرۇش ؛
- ئىختىبار — تەكشۈرۈپ بىلىش ، تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش ؛ تەجرىبە قىلىش؛
- ئىختىتام — تامام بولۇش ، ئاياغلىشىش ، تۈگەش ؛ [ئىختىتام ئولماق --- تامام بولماق]؛ [ئىختىتام ئەيلەمەك --- تاماملىماق]؛