لۇغەتنى كۆرۈش
- ئىبراز — گەۋدىلەندۈرۈش، ئىپادەلەش؛
- ئىبرام — چىڭ تۇرۇش ، قاتتىق تەلەپ قىلىش ؛ تەرسالىق ؛ تىز پۈكمەسلىك ،چىڭ ئېسىلىش؛
- ئىبرانىي — يەھۇدىي ؛ يەھۇدىي تىلى؛
- ئىبرە — ؛(1) خەزىنە كىرىمى ؛ دارامەت؛ (2) يىڭنە ، تىكەن ؛ كۆچمە مەناسى: نەشتەر؛
- ئىبرەت — تەربىيە بولۇپ ئۆتكەن ئىش ، نەمۇنە ، ئۆرنەك ؛ ساۋاق ، ئاچچىق ساۋاق: كۆپلۈكى: ئىبەر ؛
- ئىبرەتبەخش — ساۋاق بەرگۈچى ، ئىبرەتلەندۈرگۈچى؛
- ئىبرىق — ئىۋرىق ، ئاپتۇۋا ؛ سۇيۇقلۇق قاچاسى؛ [ئىبرىقى شىگەرف --- خاسىيەتلىك ئىۋرىق،تېپىلماس ئاپتۇۋا]؛
- ئىبرىي — يەھۇدىي ، يەھۇدىيلارغا تەئەللۇق؛ يەھۇدىي تىلى؛
- ئىبكار — سەھەردە يولغا چىقىش ، سەھەردىلا سەپەرگە ئاتلىنىش؛
- ئىبلىس — شەيتان ؛ ئالدامىچى ، ھىيلىگەر ، مەككار؛ [ئىبلىس شئار --- شەيتان سۈپەت ؛ مەككار،ھىيلىگەر؛ [ئىبلىسى لەئىن --- لەنىتى شەيتا
- ئىبن — ئوغۇل ، ئوغۇل بالا؛ [ئىبنۇلۋەقت ---- ۋاقىت بالاسى ، ھازىرنى ھوزۇرۇم دەپ يۈرگۈچى ،ئەتىنى ئويلىمايدىغان ، كېلەچەك ھەققىدە
- ئىبھام — ئېنىقسىزلىق ، تۇتۇقلۇق ، مۈجمەللىك ، شۈبھە ، گۇمان؛
- ئىبىمەك — ئىۋىمەك ، يۇمشىماق؛
- ئىبىن — نۇرلۇق ، پارلاق ، پارقىراق؛
- ئىپار — ئىپار كىيىكىنىڭ كىندىكىدىن ئېلىنغان خۇشپۇراق دورالىق ماددا؛
- ئىپپەت — نومۇس؛ ئار؛ ھايا؛ پاكلىق؛
- ئىپتىت — سۈپەتلەش؛
- ئىپتىخار — غورۇر؛ ماختىنىش؛ ماختانماق؛
- ئىپتىدا — باشلانغۇچ؛ باشلاپقى؛
- ئىپرات — ھەددىدىن ئارتۇق؛
- ئىپشايراز — سىرنى پاش قىلىش؛
- ئىپكىن — قارا رەڭلىق ھەمدە قىممەت باھالىق بىر خىل رەخت؛
- ئىپوپىيە — ؛(1) چوڭ تارىخىي ۋەقەلەر يېزىلغان ئەسەر؛(2)باتۇرلارنىڭ مەرتلىكى تەسۋىرلەنگەن چوڭ ئەسەر، داستان؛
- ئىپىلچىك — بىر خىل كېسەللىك ، رىشتە كېسەللىكى ، گىۋىنىيە قۇرتى كېسەللىكى؛