لۇغەتنى كۆرۈش
- ئۆگۈرچى — يىلقىچى ، پادىچى؛
- ئۆگۈرمەك — توپلىماق ، يىغماق ؛ ماختىماق ، مەدھىيەلىمەك؛
- ئۆگۈز — ؛(1) دەريا ، ئېقىن؛ (2) ئۆكۈز ، كالا ؛
- ئۆگۈزمەك — مەسلىھەت بەرمەك ، نەسىھەت قىلماق؛
- ئۆگۈش — ؛(1) كۆپ، تالاي، نۇرغۇن؛ (2) مەدھىيە؛ ماختاش؛
- ئۆگۈشلۈك — ماختاشقا لايىق ، تەقدىرلەشكە ئەرزىيدىغان؛
- ئۆگۈلەمەك — ؛(1) يىغىلماق ، توپلانماق؛ (2) مۇزنى تەشمەك؛
- ئۆگۈلمەك — يىغىلماق ، توپلانماق ، ئۇيۇشماق؛
- ئۆگۈمەك — ماختىماق ، تەرىپلىمەك؛
- ئۆگۈن — باشقا ، بۆلەك ، غەيرىي ، باشقاچە؛
- ئۆگۈنچ — پۇشايمان ، نادامەت ، ئۆكۈنچ؛
- ئۆگۈندۈرە — كالىنى ھەيدەش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان ئۇچلۇق تاياق؛
- ئۆگۈندۈرۈك — تۆشۈك تېشىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان بىر خىل تۆمۈر ئەسۋاب؛ چىغرىق؛
- ئۆگۈنمەك — ئۆكۈنمەك؛
- ئۆڭ — ؛(1) رەڭ ، بوياق؛ (2) يۈز ، ئالدى تەرەپ ، كۆز ئالدى ؛ ئۆڭ ؛
- ئۆڭتەرمەك — ئاغدۇرماق ، يىقىتماق ؛ ئاستىن - ئۈستتن قىلماق ؛
- ئۆڭدى — قانۇن؛ رەسىم-قائىدە، ئادەت؛
- ئۆڭدىن — ئىلگىرى ، بۇرۇن ؛ ئالدىدا ؛
- ئۆڭلۈك — چىراي ، رۇخسار ، رەڭگىروي؛
- ئۆڭۈ — بۇزۇق ، ئەسكى ، قەبىھ ، ۋاپاسىز ، ئالدامچى ، جاھىل؛
- ئۆڭۈلۈك — ؛(1) قارشىلىق ، تىركىشىش ؛ قەيسەرلىك؛ (2)بىزەك، يارىشىق؛
- ئۆڭى — باشقا ، باشقىسى؛
- ئۆل — ھۆل؛
- ئۆلەت — ھايۋان ۋاباسى ، ھايۋانلارنىڭ ئۆلۈشى؛