لۇغەتنى كۆرۈش
- ئۆكسەك — يۈكسەك ، ئېگىز ؛
- ئۆكسەمەك — كەملىك قىلماق ، ئازلىق قىلماق ، كېمىمەك؛
- ئۆكسۈتمەك — كېمەيتمەك ، ئازايتماق ؛ ئۈزۈپ قويماق ؛ كەمسىتمەك؛ ئاجىزلاشتۇرماق؛
- ئۆكسۈرتمەك — يۆتەلدۈرمەك؛
- ئۆكسۈرمەك — يۆتەلمەك ؛
- ئۆكسۈز — يېتىم ؛
- ئۆكسۈك — ئۈزۈلۈپ قالغان ، توختاپ قالغان؛ كەم ، ئاز؛ يالغۇز قالغان ، يېتىم ؛
- ئۆكسۈلمەك — ئازايتماق ، كېمەيمەك ، ئاجىزلاشماق؛
- ئۆكسۈمەك — ئىنتىلمەك ، ئۇرۇنماق ، قېتىرقىنىپ ئىزدەنمەك؛
- ئۆكسۈمەك — ئازايتماق ، كېمەيمەك ، ئاجىزلاشماق؛
- ئۆكسىمەك — كېمىپ قالماق؛ يەتمەي قالماق؛ تۈگەپ قالماق؛
- ئۆكلەگە — شاپىلاق ؛
- ئۆكلەمەك — ئۇرماق ؛ تۈرتمەك؛
- ئۆكمەك — ؛(1) ماختىماق ، تەرىپلىمەك ؛ (2) توپلىماق ، يىغماق ؛
- ئۆكۈت — مەسلىھەت ؛ ئۈگۈت - نەسىھەت؛ ق . ئۆگۈت؛
- ئۆكۈتمەك — يانچىماق ، تارتماق؛
- ئۆكۈرتمەك — يىغلاتماق ؛ مۆرەتمەك ، ھۆركىرەتمەك ؛
- ئۆكۈرمەك — ھۆركىرەپ يىغلىماق ؛ مۆرىمەك ؛ ھۆركىرىمەك ؛
- ئۆكۈز — "Ox" (Bos taurus) سۈت ئەمگۈچىلەر سىنىپىغا تەۋە، Bovidae ئائىلەسىدىكى چوڭ ھايۋان بولۇپ، كۆپىنچە دېھقانچىلىقتا يەر ئاغدۇرۇ
- ئۆكۈس — مەسلىھەت ؛ ئۆكۈز ؛
- ئۆكۈش — كۆپ ، تالاي ، نۇرغۇن ؛
- ئۆكۈل — باغلام ، دۆۋە ، توپ ؛
- ئۆكۈلمەك — توپلانماق ، يىغىلماق ، دۆۋىلەنمەك ؛ تولماق ، كۆپەيمەك ؛
- ئۆكۈمەك — ؛(1) ماختىماق ، تەرىپلىمەك؛ (2) يۇمشاتماق؛