لۇغەتنى كۆرۈش
- ئۆرتەنمەك — كۆيمەك ، يانماق ؛ ئەلەم چەكمەك ، قايغۇرماق؛
- ئۆرتۈك — ياپقۇ ، پۈركەنجە ، پەرەنجە؛
- ئۆرتۈكلىك — يېپىقلىق ، پۈركەكلىك؛
- ئۆرتۈگۈن — خامان؛
- ئۆردەك — ئۆردەك ؛ [قارا تاماق--- ئۆردەكنىڭ بىر تۈرى]؛ [سۇقتۇر--- ئۆردەكنىڭ بىر تۈرى]؛ [چۈركە--- ئۆردەكنىڭ بىر تۈرى]؛ [باغچال--- ئ
- ئۆرسە — جاھىل ، نادان ، بىلىمسىز؛
- ئۆرف — ئادەت ، شەپقەت ، مەرھەمەت ؛ خەيرلىك ئىش ؛
- ئۆرفەن — ئادەت بويىچە ؛
- ئۆرفىي — ئادەتكە مەنسۇپ ، ئادەتكە تەئەللۇق؛
- ئۆرك — ئېگىزلىك ، داۋان ؛ ئېگىز كۆك؛
- ئۆركەمەچ — بىر خىل تائام؛
- ئۆرگە — چېدىر ، كىگىز ئۆي ؛
- ئۆرگەتمەك — ئۆگەتمەك ؛
- ئۆرگەرىم — قورغان خەندىكى ؛
- ئۆرگەشمەك — كۆنمەك ، ئۆگەنمەك ، ئادەتلەنمەك؛
- ئۆرگەنمەك — ئۆگەنمەك ؛
- ئۆرگۈچ — ئات يايلىسىنى تارايدىغان تاغاق؛
- ئۆرلەش — يەر يۇقارىسى ، داۋان؛
- ئۆرلەك — خادا؛
- ئۆرلەم — مۇساپە ؛
- ئۆرلەمەك — يۇقارى كۆتۈرۈلمەك ، ئۆرلىمەك ؛
- ئۆرلەنمەك — ئۆرلىمەك ، ئېگىزلىمەك ، يۇقارىلىماق ؛
- ئۆرمە — توقۇلما ، ئۆرۈلگەن ، بۇيۇم ، بورا ؛
- ئۆرمەك — ؛(1) تۆگە يۇڭىدىن توقۇلغان چەكمەن؛ يۇڭدىن توقۇلغان تاغار؛ ئۆمۈچۈك تورى؛ (2)ئۆرىمەك ، چاچ ئۆرىمەك ؛