لۇغەتنى كۆرۈش
- ئوزان — مۇزىكا چېلىپ تۇرۇپ ناخشا ئېيتقۇچى ۋە ھېكايە ئېيتقۇچى؛
- ئوزغۇرماق — ئوزدۇرماق ، ئۆتكۈزمەك ، ئاشۇرماق؛
- ئوزماق — ؛(1) ئوزماق ؛ ئۇتماق ؛ ئۆتمەك ، كۆچمەك؛ (2) ئوزانلار ئورۇنلايدىغان بىر كۈي ؛ ق. ئوزان؛
- ئوزۇش — يۈرۈش ، ئاجرىتىش؛
- ئوسال — قوپال ، يىرىك ، بىپەرۋا ، بىپەرۋالىق ، سەۋەنلىك؛
- ئوسانماق — بەزمەك ، زېرىكمەك ؛ پۇشايمان قىلماق؛
- ئوسماق — سويماق ، ئارچىماق ، پوستىنى ئاجراتماق؛
- ئوسۇلماق — پوست تاشلىماق ، پوستى (تېرەسى) ئاجرىماق ، ئارچىلىماق؛
- ئوش — شۇ ، مۇشۇ؛ [ئوش مۇنچە --- مۇشۇنچە ، شۇ قەدەر]؛
- ئوشال — ئۇ ، ئاشۇ ، شۇ ، مۇشۇ؛
- ئوشانچە — شۇ قەدەر ، مۇشۇنچە؛
- ئوشانداغاچە — شۇ يەرگىچە ، ئەشەگىچە ، مەشەگىچە؛
- ئوشانداق — ئاشۇنداق؛
- ئوششاق — ؛«ئاشىق»نىڭ كۆپلكى: ئاشىقلار؛ ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامىنىڭ سەككىزىنچىسىنىڭ نامى ، ئوششاق مۇقامى؛
- ئوشمۇنچە — مۇشۇنچە ، شۇنچە ، ئاشۇنچە؛
- ئوشمۇنداق — مۇشۇنداق ، ئاشۇنداق؛
- ئوشمۇندىن — شۇنىڭدىن، مۇشۇنىڭدىن؛
- ئوشۇ — ئاشۇ ، مۇشۇ؛
- ئوشۇقتۇرماق — ئالدىراتماق ، تەمتىرەتمەك؛
- ئوشۇقماق — ئالدىرىماق ، شاپاشلىماق؛
- ئوشۇل — ئۇ ، ئاشۇ ، شۇ؛
- ئوشۇنداغى — شۇ يەردەكى . ئەشەدەكى ؛ مەشەدەكى؛
- ئوغالاماق — ئۇۋاتماق ، ئۇششاقلىماق؛
- ئوغان — قادىر ، قۇدرەتلىك ، كۈچلۈك ؛ كۈچتە تەڭدىشى يوق ، خۇدا ، ئاللاھ ؛ سۆيگەن يار؛ [ئوغان نىم --- ئامرىقىم ؛ خۇدايىم]؛