لۇغەتنى كۆرۈش: ۋ
- ۋەگەر — ؛«ۋەئەگەر»نىڭ قىسقارتىلما شەكلى؛
- ۋەلا تۇسرەفۇ — ئىسراپ قىلماڭلار؛
- ۋەلادەت — تۇغۇلۇش؛
- ۋەلايەت — ۋەلىيلىك ، ئەۋلىيالىق ، ئەزىزلىك ، ئاللاھقا يېقىنلىق؛ [ۋەلايەت سىپەھرى --- ۋەلىيلىك ئاسمىنى ، ۋەلىيلىك چوققاسى]؛
- ۋەلەد — بالا،پەرزەنت، ئوغۇل؛
- ۋەلەدۇززىنا — ھارامدىن بولغان ، زىنادىن تۆرەلگەن؛
- ۋەلەۋ — ئەگەر... بولسىمۇ ، ئەگەر.....تەقدىرىمۇ ، ھەتتا؛ [ۋەلەد ئالسۇن، نى زەرەرى بولور --- ئەگەر ئالغان تەقدىردىمۇ نېمە زىيانى ب
- ۋەللاھۇ ئەئلەم — ئاللاھ ئەڭ بىلگۈچىدۇر؛ [ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب --- توغرالىقىنى ئاللاھ ئەڭ بىلىدۇ]؛
- ۋەلۋەلە — غەۋغا ، ۋاراڭ - چۇرۇڭ ، شاۋقۇن - سۈرەن ، غەلۋە ؛ مالىمانچىلىق؛
- ۋەلېك — ؛«ۋە، لېكىن»نىڭ قىسقارتماسى؛
- ۋەلى — ئەۋلىيا؛
- ۋەلىئەھد — تاجۇتەخت مىراسخورى ، ئورۇنباسار ، پادىشاھ ھايات ۋاقتىدا ئۆز ئورنىغا تەيىنلەپ قويغان شاھزادە؛
- ۋەلىك — ۋە لېكىن؛
- ۋەلىنىئمەت — نىمەت ئىگەسى ، باققۇچى غوجايىن ، پادىشاھ؛
- ۋەلىي — ؛(1) ئىگە ، ساھىب ، ئىش باشقۇرغۇچى ؛ ئەۋلىيا ، ئەزىز كىشى ، مۇقەددەس ئادەم؛ (2)«ۋەلەكىن»نىڭ قىسقارتماسى؛ لېكىن ، ئەمما ،
- ۋەلىيۇلئەمر — ھۆكۈمران ، ھۆكۈمرانلىق قىلغۇچى؛
- ۋەھەل — لاي ، پاتقاق؛
- ۋەھدەت — بىرلىك ، ئىتتىپاقلىق ، بىردەكلىك ، يەككە - يېگانىلىق ، تەنھالىق؛ [ۋەھدەت جامى ---بىرلىك قەدىھى؛ بىرلىك شادلىقى]؛ [ۋەھدەت
- ۋەھدەت مەيى — بىرلىك شارابى؛
- ۋەھدەتى جاۋىد — مەڭگۈلۈك بىرلىك؛
- ۋەھش — ۋەھشىي ، ياۋايى ھايۋان؛
- ۋەھشەت — ۋەھشىيلىك، ياۋايىلىق، قورقۇنچ، قورقۇش، ئەنسىزلىك؛ [ۋەھشەت ئەنگىز ---ھەيۋەتلىك ، قورقۇنچلۇق؛ قورقۇتقۇچى]؛ [ۋەھشەت ئەفزا،
- ۋەھشەت ئەفزا/ۋەھشەنفىزاي — قورقۇنچنى ئاشۇرغۇچى ، دەھشەتنى كۈچەيتكۈچى؛
- ۋەھشەت ئەنگىز — ھەيۋەتلىك ؛ دەھشەتلىك ، قورقۇنچلۇق؛