لۇغەتنى كۆرۈش: ۇ
- ئۇلۇم — ؛«ئىلم»نىڭ كۆپلۈكى: ئىلىملار ، بىلىملار؛
- ئۇلۇم ئەۋراقى — ئىلىم تۈرلىرى ، پەن خىللىرى ؛ ئىلىمنىڭ تارماقلىرى؛
- ئۇلۇھىييەت — خۇدالىق ، ئىلاھلىق ، تەڭرىلىك؛
- ئۇلۇۋۋ — ئالىي ، يۇقارى ، ئېگىز ؛ يۇقارىلىق ، ئېگىزلىك؛ [ئۇلۇۋۋ ھىممەت --- ئالىي ھىممەت، يۈكسەك نىيەت]؛
- ئۇلۇۋۋىييەت — بۈيۈكلۈك ، يۈكسەكلىك ، يۇقارىلىق ، ئېگىزلىك ؛ ئاسمانغا مۇناسىۋەتلىك؛
- ئۇلۋىي — يۇقارىدىكى ، ئېگىزدىكى ، يۈكسەكلىكتىكى ؛ ئاسمانغا تېگىشلىك؛ [ئۇلۋىي خىرام --- ئېگىزدە يۈرگۈچى ، پېتىنى بۇزماي يۈرگۈچى، ئ
- ئۇليا — ئەڭ ئالىي ، ئەڭ يۈكسەك ، ئەڭ يۇقارى ، ئەڭ ئېگىز ؛ [مەھدى ئۇليا --- پادىشاھنىڭ چوڭ خوتۇنىغا بېرىلىدىغان ئۇنۋان]؛
- ئۇم — ئۇن؛ [ئۇم ئەتمەك --- ئۇۋۇتماق ، يەنچىمەك]؛
- ئۇماق،ئۇماغ — ئۇرۇق ، جەمەت ، قەبىلە؛
- ئۇماقلىق،ئۇماغلىق — جەمەتلىك ، قەبىلىلىك؛
- ئۇمانچ — ئۈمىد ، تەمە؛
- ئۇمانماق — ئۈمىد قىلماق ، ئۈمىد باغلىماق ، تەمە قىلماق؛
- ئۇمەرائ — ؛«ئەمىر»نىڭ كۆپلۈكى : ئەمىرلەر ، لەشكەر باشلىقلىرى؛ [ئۇمەرائۋۇزەرائ --- ئەمىرلەر ۋە ۋەزىرلەر]؛
- ئۇمەم — ؛«ئۇممەت»نىڭ كۆپلۈكى: مىللەتلەر ، خەلقلەر ، ئۇممەتلەر؛
- ئۇمدە — تايانچ ، ئاساس ، ئۇل ، ئەڭ مۇھىم ئاساس؛
- ئۇمر — ياشاش ، ھايات؛ ياشاش مۇددەتى، ھايات مۇددەتى؛ [ئۇمر سۈرمەك --- ياشىماق، ھايات كەچۈرمەك؛ ق. ئۆمر]؛
- ئۇمق — چوڭقۇرلۇق ، تىرەنلىك؛
- ئۇمم — ئانا ؛ [ئۇممى مۇسلىمىن --- مۇسۇلمانلارنىڭ ئاناسى]؛
- ئۇممەت — بىر تىلدا سۆزلەشىدىغان ئىنسانلار ، مىللەت ؛ بىر پەيغەمبەرگە تەۋە كىشىلەر ، ئۈممەت؛
- ئۇممەھات — ؛«ئۇمم»نىڭ كۆپلۈكى : ئانىلار؛
- ئۇممۇلخەبائىس — ھاراق ، شاراب (ئەسلى : يامانلىقنىڭ ئاناسى)؛
- ئۇممۇلقۇرا — مەككە شەھەرى؛
- ئۇممىي — ئوقۇش - يېزىشنى بىلمەيدىغان ، خەت ساۋاتى يوق ، ساۋاتسىز؛
- ئۇممىييە — ساۋاتسىزلىق؛