لۇغەتنى كۆرۈش: ۆ
- ئۆگرىتىك،ئۆگرىتىگ — تەربىيە ؛ ئۆگىتىش؛
- ئۆگسەمەس — يالجىماس ، راۋاج تاپماس ، روناق تاپماس؛
- ئۆگگۈلۈك — مەدھىيە ؛
- ئۆگمەك — ماختىماق ، مەدھىيەلىمەك ؛
- ئۆگۈت — مەسلىھەت ، نەسىھەت؛
- ئۆگۈتلەمەك — مەسلىھەت بەرمەك، نەسىھەت قىلماق؛
- ئۆگۈتلەنمەك — مەسلىھەت ئالماق؛
- ئۆگۈر — پادا ، يىلقا ؛ توپ ، دۆۋە ؛
- ئۆگۈرچى — يىلقىچى ، پادىچى؛
- ئۆگۈرمەك — توپلىماق ، يىغماق ؛ ماختىماق ، مەدھىيەلىمەك؛
- ئۆگۈز — ؛(1) دەريا ، ئېقىن؛ (2) ئۆكۈز ، كالا ؛
- ئۆگۈزمەك — مەسلىھەت بەرمەك ، نەسىھەت قىلماق؛
- ئۆگۈش — ؛(1) كۆپ، تالاي، نۇرغۇن؛ (2) مەدھىيە؛ ماختاش؛
- ئۆگۈشلۈك — ماختاشقا لايىق ، تەقدىرلەشكە ئەرزىيدىغان؛
- ئۆگۈلەمەك — ؛(1) يىغىلماق ، توپلانماق؛ (2) مۇزنى تەشمەك؛
- ئۆگۈلمەك — يىغىلماق ، توپلانماق ، ئۇيۇشماق؛
- ئۆگۈمەك — ماختىماق ، تەرىپلىمەك؛
- ئۆگۈن — باشقا ، بۆلەك ، غەيرىي ، باشقاچە؛
- ئۆگۈنچ — پۇشايمان ، نادامەت ، ئۆكۈنچ؛
- ئۆگۈندۈرە — كالىنى ھەيدەش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان ئۇچلۇق تاياق؛
- ئۆگۈندۈرۈك — تۆشۈك تېشىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان بىر خىل تۆمۈر ئەسۋاب؛ چىغرىق؛
- ئۆگۈنمەك — ئۆكۈنمەك؛
- ئۆڭ — ؛(1) رەڭ ، بوياق؛ (2) يۈز ، ئالدى تەرەپ ، كۆز ئالدى ؛ ئۆڭ ؛
- ئۆڭتەرمەك — ئاغدۇرماق ، يىقىتماق ؛ ئاستىن - ئۈستتن قىلماق ؛