لۇغەتنى كۆرۈش: ۆ
- ئۆزگەلەك — ئۆزگىرىشچان ، تۇراقسىز؛
- ئۆزگەلەمەك — يات كۆرمەك ، غەيرى ھېسابلىماق؛
- ئۆزگەلەنمەك — ئۆزگەرمەك ؛ ئاسىيلىق قىلماق؛
- ئۆزگۈ — ئۆزىنىڭ ئۆزىگە خاس ؛
- ئۆزگىرىش/ۋارىئانت — Variation(ئىسىم)--بىر نەرسەنىڭ دەرەجەسى، مىقدارى، شەكلى ياكى خاسلىقىدىكى ئۆزگىرىش، ئوخشاش بولمىغان؛ ئاساسلىق شەكىلنىڭ ئا
- ئۆزلە/ئۆدلە/ئۆتلە — ۋاقتى كېلىش ، پۇرسىتى كېلىش ، سائىتى كېلىش؛
- ئۆزلەت — خىلۋەتتە يالغۇز ئولتۇرۇش ، خىلۋەتتە يالغۇز ئولتۇرۇپ ۋاقىت ئۆتكۈزۈش ؛ ئۆزىنى دالدىغا ئېلىش ، ئۆزىنى چەتكە ئېلىش ؛ چەتلەش؛
- ئۆزلەك/ئۆدلەك — ؛(1) چۈش قايرىلغان مەزگىل؛ [ئۆزلەك نامازى --- ناماز پىشىن]؛ (2) زامان؛ پەلەك؛
- ئۆزلەمەك — ئىختىيار قىلماق ، سېغىنماق ، خالىماق ؛ ئۆزىنىڭ قىلماق ، ئۆزىگە قاراتماق؛
- ئۆزلەنمەك — ئېرىشمەك ، ئىگە بولماق؛
- ئۆزلۈك — ؛(1) يالغۇزلۇق ، يېگانىلىق؛ (2) خۇسۇسىيەت ، ئۆزلۈك ، مەنمەنلىك ؛ نەپىس ؛
- ئۆسرۈك — مەست ، كەيىپ؛
- ئۆسرۈكلۈك — مەستلىك ، بىھۇشلۇق ؛
- ئۆسرۈمەك — مەست بولماق ؛
- ئۆسمە — ئۆسمە (تومۇر) ھۈجەيرەلەرنىڭ نورمالسىز ۋە كونترولسىز ئۆسۈشىدىن پەيدا بولىدىغان تېرە ياكى ئىچكى ئەزالاردىكى يىغىلىش. ئۆسمە
- ئۆسۈم(پايدا)/قىزىقىش — ؛(1)مالىيەدىكى پايدا (ئۆسۈم نىسبەتى): بانكا ياكى مالىيە ئورگانلىرى تەرەپىدىن قەرز ياكى ئامانەت ئۈچۈن تۆلىنىدىغان ياكى تا
- ئۆشۈر(ئۆشرە)؛ — ئىسلام شەرىئىتىدە دىخانچىلىقتىن چىققان ھوسۇلنىڭ ئوندىن بىرىنى كەمبەغەل ۋە يېتىم-يېسىرلارغا بېرىدىغان مەجبۇرىيەت؛
- ئۆك — ؛(1) جىق ، كۆپ ، تولا ، نۇرغۇن ؛ (2) ق. ئۆگە ؛ (3) تىرەك ، تۈۋرۈك؛
- ئۆكە — سىڭىل . ئىنى؛
- ئۆكتە — ؛(1) بىھۇدە، كېرەكسىز؛ [ئۆكتە سۆز --- بىھۇدە سۆز ، بىمەنە گەپ]؛ [ئۆكتە سوراق --- بىھۇدە سوراق]؛ (2) زور ، كۈچلۈك ، باتۇر
- ئۆكتەبىر — شەمسىيە 10 - ئاي ، قەمەرىيە 12 - ئاي. ئاي نامى؛
- ئۆكتەتمەك — غەزەپلەندۈرمەك؛ قوزغىماق؛
- ئۆكتەك — غەزەپلىك ، ئاچچىقى يامان ؛ مىجەزى ئەسكى؛
- ئۆكتەل — غەزەپلىك ، ئاچچىقى يامان؛