لۇغەتنى كۆرۈش: ھ
- ھۆر — ؛(1) ئەركىن ، ئازاد ، پاكىز ؛ (2) «ھەۋرا»نىڭ كۆپلۈكى (لېكىن كۆپىنچە بىرلىك مەناسىدە قوللىنىلىدۇ): جەننەتتىكى گۈزەل قىزلا
- ھۆرزادە/ھۆرىزاد — ھۆر پەرىدىن تۇغۇلغان ، گۈزەل؛
- ھۆرلۈك / لىبېرال — Liberty(ئىسىم)--ئادەمنىڭ ئۆز ئىرادەسى بىلەن ھەرىكەت قىلىش، پىكىر يۈرگۈزۈش ۋە ياشاش ھوقۇقىنى، شۇنىڭدەك جەمئىيەت ياكى ھۆكۈ
- ھۆرۈلمەك — ئۆزىنى چوڭ تۇتماق ، غادىيىۋالماق؛
- ھۆرۋەش — ھۆرگە ئوخشاش ، ئىنتايىن گۈزەل؛
- ھۆرىيەت — ئازاتلىق؛ ئەركىنلىك: مۇستەقىللىق.
- ھۆرىييەت — ئەركىنلىك ، ئازادلىق ، كەڭچىلىك؛
- ھۆزن/ھەزەن — قايغۇ ، غەم ، ھەسرەت؛ [ھۆزن جاۋىد ئولماق --- دائىم غەمكىن بولماق]؛
- ھۆسن — گۈزەللىك ، چىراي، جامال؛
- ھۆسن زىب — گۈزەللىك ، ھۆسىندارلىق؛
- ھۆسن گەنجى — گۈزەللىك خەزىنەسى؛ كۆچمە مەناسى: گۈزەل يار؛
- ھۆسنۇلمەئاب — گۈزەل ، ھۆسندار؛
- ھۆسنى ئەدا — گۈزەل ئىپادە ، ياخشى ئۇسلۇب؛
- ھۆسنى تالىئ — ياخشى تەلەي ، خۇش بەخت؛
- ھۆسنى تەكەللۇم — گۈزەل سۆز ، يېقىملىق سۆز؛
- ھۆسنى سەۋت — خۇش ئاۋاز ، يېقىملىق ئاۋاز؛
- ھۆسنى شامە — ھىدنى ياخشى سېزىش قۇۋۋەتى؛
- ھۆسىن — جامال؛ چىراي؛ گۈزەللىك.
- ھۆكەمائ — ؛«ھەكىم»نىڭ كۆپلۈكى : ھېكىملار ، دانىشمەنلەر ؛ تېۋىپلار؛
- ھۆككام — ؛«ھاكىم»نىڭ كۆپلۈكى : ھاكىملار ، ھۆكۈم سۈرگۈچىلەر؛
- ھۆكم — باشقۇرۇش ، ئىدارە قىلىش ؛ بۇيرۇق ، ئەمىر ، پەرمان؛ قارار ؛ كېسىم ،پىچىم ، ھۆكۈم؛
- ھۆكمدار — ھۆكۈمەت باشلىقى ، پادىشاھ ؛
- ھۆكمران — پادىشاھ ، ھۆكۈم يۈرگۈزگۈچى؛
- ھۆكمفەرما — ھۆكۈم سۈرگۈچى ، ھۆكۈمران؛