لۇغەتنى كۆرۈش: ھ
- ھەيزە — ۋابا ؛
- ھەيسىييەت — سەۋەب ، ۋاسىتە ؛ لاياقەت ؛ ئابرۇي ، ئېتىبار ؛ مۇناسىۋەت ،ئالاقە؛
- ھەيف — ھەي ئېسىت؛ ئەپسۇس ، ھەتتەڭ؛ [ھەيف ئەتمەك، ھەيف دەمەك --- ئېچىنماق ،ئەپسۇسلانماق]؛
- ھەيكەل — زور گەۋدە ، كاتتا ئىمارەت ، چوڭ بۇتخانا ، ئىبادەتخانا؛ شەكىل ،كۆرۈنۈش ؛ بويۇنغا ئېسىلىدىغان دۇئا ، تۇمار؛
- ھەيلى ئەقدى — قانۇن؛ توختاملار.
- ھەيلىغ — تىرىكلىك ، خۇدالىق؛
- ھەيھات — ھەيران قالغاندا ، تەئەججۈپلەنگەندە ، ئەپسۇسلانغاندا ياكى ئىككى ئارىلىقتىكى ئۇزاقلىقنى بىلدۈرگەندە ئىشلىتىلىدىغان ئۈندەش
- ھەيۇلا/ھەييۇلا — ھەربىر نەرسەنىڭ ئەسلىي ماددىسى ۋە ماھىيەتى؛
- ھەيۋان — ھاياتلىق ، تىرىكىلىك ؛ تىرىك ، جانلىق نەرسە؛ [ھەيۋان چەشمەسى، چەشمەئى ھەيۋان --- ھاياتلىق بۇلىقى، تىرىكلىك بۇلىقى]؛ [ھەي
- ھەيۋانات — ؛«ھەيۋان»نىڭ كۆپلۈكى : ھايۋانلار ، جانلىقلار؛
- ھەيۋانۋەش — ھايۋانغا ئوخشاش؛
- ھەيۋانىييەت — ھايۋانلىق ، ھايۋان مىجەز؛
- ھەييار — مۇغەمبەر؛ قىزىقچى.
- ھەييوبالا — قايغۇلۇق؛ ئاپەت.
- ھەييى دادگەر — تىرىك ، ئادىل؛
- ھەييى لا يەزال — مەڭگۈ تىرىك ؛
- ھەييى لايەمۇت — ئۆلمەس ، مەڭگۈ تىرىك؛
- ھەييى مۇجىب — ياراتقۇچى ، تىرىك؛
- ھەييىز — مەۋقە ، جاي ، ئورۇن ، ماكان؛
- ھندزاد — ھىندى ئەۋلادى ، ھىندىستانلىق؛
- ھوباب — سۇ ئۈستىدىكى كۆپۈكچە؛
- ھوت — شەمسىيە 12 - ئاي، قەمەرىيە 2- ئاي؛مىلادىيە يىل ھېساۋى بويىچە 2- ئاينىڭ 22-كۈنى.
- ھوججان — ئەرەبىستاندىكى بىر ۋىلايەت.
- ھورمون — ھورمون-- بەدەندىكى ئېندوكىرىن (ئىچكى ئاجراتقۇ) بەزلەردىن ئاجرىلىپ، قان ئېقىمى ئارقالىق بەدەننىڭ باشقا قىسىملىرىغا يېتىپ