لۇغەتنى كۆرۈش: گ
- گىردگاھ — بەل ؛ كەمەر ، بېقىن؛
- گىردلىغ — ئۇچى قايرىلغان؛
- گىروي — قەھرىمان؛ باتۇر؛ ئەر؛ ئەدىبى ئەسەردە باش رولچى؛ ئۇيغۇرچە كۆچمە مەنادا-بەستلىك؛
- گىرۇدار — ھۆكۈمرانلىق ، ھاكىمىيەت ؛ ئېلىشىش ، جەڭ؛
- گىرىبان — ياقا ، كىيىمنىڭ ياقىسى؛ [چاكى گىرىبان ئەيلەمەك ---(غەزەپتىن ياكى ئەلەمدىن) ياقا يىرتماق]؛
- گىرىپتار — ئۇچرىماق؛ يولۇقماق؛ دۇچار بولماق؛
- گىرىفتار — گىرىپتار ، ئۇچرىغان ، يولۇققان ، دۇچار بولغان ؛ ئەسىر بولغان ،بەنت بولغان؛
- گىرىفتارلىق — گىرىپتارلىق ، دۇچارلىق ، يولۇققانلىق ، مۇپتىلالىق ؛ باغلانغانلىق ، بېرىلگەنلىك؛
- گىرىلكا — ئىچىگە ئىسىق سۇ قاچىلاپ، بەدەننىڭ ئاغرىق يېرىگە قويۇلىدىغان رېزىنكا،سۇلياۋ ياكى مېتال قاچا؛
- گىرىم — ئويۇن قويۇش ئۈچۈن پەدەز قىلىش؛ پەدەز ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان بوياق؛
- گىرىمسەن — سەراپ؛غۇۋا؛ خىرەكۆرۈنمەك؛ يىراقتىن قارىغاندا ئىسسق ھاۋانىڭ سۇ ياكى شامالدەك كۆرۈنۈشى؛
- گىرىھ — تۈگۈن ، چىگىش ، مۈشكۈللۈك ، قىيىن مەسىلە ؛ چاتاق ؛ قوشۇمىنىڭ تۈرۈلۈشى؛
- گىرىھكار — تۈگكۈچى ، چىگىشلەشتۈرگۈچى؛ تۈرگۈچى ، پۈرۈشتۈرگۈچى ؛
- گىرىھگۇشا،گىرىھگۇشاي — تۈگۈنلەرنى يەشكۈچى؛ كۆچمە مەناسى: قىيىن ئىشلارنى ھەل قىلغۇچى ،بەنتلەرنى ئاچقۇچى؛
- گىرىھگىر — تۈگۈنلۈك ، چىگىش ، بۈدۈر ، قورۇق؛ [زۇلفى گىرىھگىر --- چۇۋۇلغان چاچ؛ بۈدۈر چاچ]؛
- گىرىھناك — تۈگۈنلۈك ، چېگىلگەن ، قىيىن ، چىگىش ، تەس؛
- گىريان — يىغلىغان ، قاتتىق يىغلىغان ؛ يىغلاپ تۇرغان؛
- گىريە — يىغا ، يىغلاش ، ياش تۆكۈش؛
- گىزاف — ق . گەزاف؛
- گىزەرمەك — تاتارماق ، بەدەندىن قان قاچماق ، رەڭگى ئۆچمەك ، رەڭسىزلەنمەك؛
- گىزلەمەك — يوشۇرماق ، تىقىپ قويماق ؛ بۆكتۈرۈپ قويماق؛
- گىگانت — بەستىلىك؛ گەۋدىلىك؛ ئىگىز؛ كاتتا؛ چوڭ؛
- گىگروسكوپ — گىگروسكوپ-- ھاۋادىكى نەملىك دەرەجەسىنى ئۆلچەيدىغان ئەسۋاب. ئۇ رېلاتىپ نەملىك (نىسپىي نەملىك) ياكى مۇتلەق نەملىكنى ئۆلچەپ
- گىگىنا — گىگىنا--(تازىلىق،سەھىيە) ساغلاملىقنى ساقلاش ۋە كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن تازىلىقنى ساقلاش قائىدە-تەرتىپلىرى. شەخسى