لۇغەتنى كۆرۈش: چ
- چەنبەرە — چەمبىرەك ، ھالقا ؛ دائىرە ؛ بەنت؛
- چەند — نەچچە ، قانچىلىك ؛ بىرئاز ، بىرنەچچە ، ئاز - تولا ؛ ھەسسە؛
- چەنداز — يانغا ئېسىۋالىدىغان پۇل سالغۇچ.
- چەندان — ئانچە ، ئۇ قەدەر ، شۇ قەدەر ، شۇنچىلىك؛
- چەنداۋۇل — چاغداۋۇل؛
- چەندەۋۇل — سۇ توشۇغۇچى ؛ ئارقا قوغدىغۇچى ئەسكەر؛
- چەھار ئەناسر — تۆت ئېلېمېنت : سۇ ، ھاۋا ، ئوت ، تۇپراق؛
- چەھار بالۇش — پادىشاھلارنىڭ ئەتراپىغا يۇمشاق يۆلەنچۈكلەر قويۇلغان تەختى؛
- چەھار چوب — چارچوپ؛
- چەھارداڭ — ئالتىدىن تۆت قىسىم؛
- چەھاريار — مۇھەممەد پەيغەمبەرنىڭ تۆت ئىزباسارى (ئەبۇبەكرى ، ئۆمەر ،ئوسمان ۋە ئەلى)، چاريار؛
- چەھاريەك — چاريەك؛
- چەھىر(چېھرە)؛ — يۈز؛چىراي؛ سىما.
- چەۋەنداز — ئوتتۇرا ئەسىر ياۋروپاسىدىكى ھەربىي ۋە ئاقسۆڭەك تەبىقەگە مەنسۇپ جەڭچىنى كۆرسىتىدۇ. چەۋەندازلار(knights) دائىم ئاتلىق جەڭچ
- چەۋرە — چۆرە ، ئەتراپ ، دائىرە ، چەمبىرەك؛ قاشا؛ [چەۋرە ئالماق --- قورشىماق]؛
- چەۋرۈك — قاينام؛
- چەۋگان — ئات توپى؛ ئات توپى ئويۇنىدا ئات ئۈستىدە تۇرۇپ توپنى ئىلىندۇرىدىغان ئۇچى ئىلمەك ئۇزۇن تاياق؛
- چەۋۇك — رەڭ ، تۈس؛ [قەراچەۋۇك --- قارا رەڭ]؛ [چەۋۇك ئەتلەس --- قارا ئەتلەس]؛
- چەينەك
- چوبان — مالچى ، پادىچى؛
- چوپان — قوي - ئۆچكە؛ كالا پادىلىرى باققۇچى؛ مالچى.
- چوپچوق — قۇشقاچ؛
- چوتا(چوتۇ)؛ — قىماردا ئۇتقۇچلارنىڭ جەزخورغا بېرىدىغان پىرسەنت پۇلى.
- چوتكا