لۇغەتنى كۆرۈش: پ
- پەردەدەر — پەردە يىرتقۇچى، سىر ئاچقۇچى ، پەردە ئاچقۇچى ؛ شەرمەندە قىلغۇچى ؛ شەرمەندە؛
- پەردەدەرلىغ — سىر ئاچقۇچىلىق؛ شەرمەندە قىلغۇچىلىق ، شەرمەندەلىك؛
- پەردەگى — پەردىلىك؛ يوشۇرۇن؛
- پەرراش — ھويلا سۈپۈرگۈچى؛
- پەرران — ئۇچقۇچى ، پەرۋاز قىلغۇچى ، ئۇچقان ھالدىكى ؛ ئېتىلغان؛ [پەرران بولماق --- ئۇچماق]؛ [پەرران ئەتمەك --- ئۇچۇرۇۋەتمەك]؛ [پەر
- پەررانلىغ — ئۇچقۇرلۇق ، تېزلىك؛
- پەررە — ؛(1) بەختلىك؛ (2) چاقپەلەكنىڭ قانىتى؛
- پەررەندە — ئۇچىدىغان ئۇششاق ھاشارەتلەر.
- پەرز — ؛(1) قىلمىسا بولمايدىغان ئىش ، مەجبۇرىيەت ؛ (2) تەخمىن ، پەرەز ، تەسەۋۋۇر؛
- پەرزەدە — قانات قاققان؛ قانىتى قىرقىلغان ، قانىتى كېسىلگەن ؛ چەككۈچ بىلەن چېكىلگەن؛ چوقۇر؛[پەرزەدە ئۆتمەك --- چېكىم نان ، پېتىر نا
- پەرزىن/(شاھمات) — باشقا ئاتاشلىرىدىن: خانىش/گەردە
- پەركالە — بۆلەك - بۆلەك؛ پارچە - پارچە؛
- پەركەند — پارچە، بۆلەك؛ [پەركەند ئەيلەمەك --- پارچىلىماق]؛
- پەركەند - پەركەند — پارچە - پارچە ، بۆلەك - بۆلەك؛ [پەركەند - پەركەند ئەيلەمەك --- پارچە - پارچە قىلماق]؛
- پەركەندە — قانىتى يۇلۇنغان ، پىيى يۇلۇنغان؛
- پەرگار — سىركۇل؛ ئايلانما؛ ئاسمان ؛ تەقدىر؛ [يەتىپەرگار --- يەتتە قات ئاسمان]؛
- پەرگالە — پارچە - پارچە ، بۆلەك ؛ ياماق ؛ تىتىلغان ، مولانغان؛ [پەرگالە- پەرگالە --- بۆلەك - بۆلەك،پارچە - پارچە]؛ [پەرگالە قىلماق
- پەرگەنات — پەرگەنەلەر، پەرگەنە؛
- پەرگەنە — ھىندىستاندا ۋىلايەتتىن كىچىك بولغان بىر مەمۇرىي رايون؛
- پەرمان — بۇيرۇق؛ يارلىق؛
- پەرمانبەردار — بۇيرۇقنى ئورۇنلىغۇچى؛ بۇيرۇقنى ئورۇنلاشقا تەييار تۇرماق؛
- پەرمانچى — پادىشاھ زامانىسىدىكى چوڭ مەنسەپلەردىن بىرى بۇلۇپ، ئۇ تولاراق پادىشاھنىڭ ھۇزۇرىدا تۇرۇپ،پەرمانلار يېزىپ، ئىشلاردىن پادىشا
- پەرموزدە — پولاشقان؛ بوشاشقان؛
- پەرنىيان — يىپەكتىن توقۇلغان گۈللۈك يۇپقا رەخت؛