لۇغەتنى كۆرۈش: پ
- پاشەندە — چاچقۇچى ، سەپكۈچى؛
- پاشەندەلىق — چاچقۇچىلىق ، سەپكۈچىلىك؛
- پاششاپ — ئۆتمۈشتە مەھەللە ياكى كوچىلارنىڭ ئامانلىقىغا مەسئۇل يەرلىك ئەمەلدار؛
- پاششاپبەگ — پاششاپبەگ-- پارىسچە بىلەن ئۇيغۇرچەدىن بىرىككەن ئىسىم بۇلۇپ، قەدىمقى مەمۇرى ئەمەلنى كۆرسىتىدۇ؛
- پاشكەستە — پۇتى سۇنۇق ، توكۇر ؛ ناتىۋان ، قۇدرەتسىز ، ئاجىز؛
- پاشمىنا/تىۋىت — پاشمىنا(تىۋىت)--ئۆچكە ياكى قوتازنىڭ بۆرەك يەرلىكى يۇمشاق، ئىنكى تۈكىدىن ئېلىنغان يۇقارى سۈپەتلىك پىشىنىك ماتېرىيالى بولۇ
- پاشنە — پاشنا ،تاپان؛ بوسۇغا؛ [پاشنە ئۇرماق --- ئاتنى دېۋىتمەك]؛ [پاشنە قىلماق --- قوغلىماق]؛
- پاقا — تۈگمەن تېشىنى ئايلاندۇرىدىغان توغرا تۆمۈر؛
- پاك تەجرىد — بارلىق ھەۋەسلەردىن تامامەن كەچكەن (سوپىيلىقتا )؛
- پاكار
- پاكباز — مېھرى ئىسسىق ، يېقىملىق ؛ سادىق ئاشىق ، ھالال ئاشىق (ئەينى :قىمارنى ھالال ئوينىغۇچى)؛
- پاكپەيۋەند/پاكزاد — ئېسىلزادە؛
- پاكدامەن — ئىپپەتلىك ، نومۇسلۇق ، پاك يۈرگۈچى ، ھالال ياشىغۇچى؛
- پاكراي — ياخشى پىكىرلىك ، بىلىمدان ، بىلىملىك ، مەسلىھەتچىل ، ئاق كۆڭۈل؛
- پاكىت — دەلىل ، ھۆججەت ، پاكىت ، ئاساس؛ ئىسپات؛
- پاكىز
- پاكىزە — تازا ، ساپ؛ [ پاكىزە گەۋھەر --- ئېسىلزادە]؛
- پاكىستان — پاكىستان--جەنۇبىي ئاسىيادا جايلاشقان دەۋلەت. ئۇ ھىندىستان، ئافغانىستان، ئىران ۋە شەرقىي تۈركىستان بىلەن قوشنا بولۇپ، جەن
- پاگى — ئاچچىق خېمىر؛ خېمىر تۇرۇچ؛
- پالاتا/ قوغداش/ ۋاسىيلىق — Ward(ئىسىم/پېئىل)-- (1) دوختۇرخانىدىكى بىمارلار ئۈچۈن ئايرىلغان بۆلۈم، پالاتا؛ (2) قانۇنىي ۋاسىيلىق ئاستىداكى كىشى، ئادە
- پالاق — ؛(1) بۇزۇلغان تۇخۇم. (2) كېمە ھەيدايدىغان ياغاچ گۇرجەك. (3)تىك-تاك توپ ئويناش سايمىنى؛(4) دىنىي مەكتەپلەردە ئوقۇشۇچىلارن
- پالان — ئۇچۇلۇق ، توقۇم ، مۆلۆ؛
- پالاندۇز — ئۇچۇلۇقچى ، توقۇمچى؛
- پالاۋەن — ئۆتكەمە ، سەتكە ، غەلۋىر ؛ سۈزگۈچ ئەسۋاب؛