لۇغەتنى كۆرۈش: پ
- پىرايە — بىزەك ، زىننەت؛[پىرايە ئەيلەمەك --- بىزەنمەك ، ياسانماق]؛
- پىرايەلىق — زىننەتلىك ، بىزەلگەن ، ياسىداق؛
- پىرەزال — كەمپىر ، قېرى خوتۇن ، ياشانغان ئايال ؛ مەككار خوتۇن؛ پەلەك ، ئاسمان؛
- پىرەزەن — كەمپىر ، قېرى خوتۇن؛
- پىرەۋ — پەيرەۋ؛
- پىرپىراز — ئېلىشما ئىبارە؛
- پىرسەنت
- پىرقەت (پۇرقەت )؛ — ئايرىلىش؛جۇدالىق؛
- پىرلىق — قېرىلىق ، ياشانغانلىق؛ پىرلىق؛
- پىرھەن — كۆينەك(كۆڭلەك) ؛ ( پىرھەن = پىراھەن، پىرەھەن)؛
- پىروتون — پىروتون — ئاتومنىڭ يادروسىدا بولىدىغان ئىجابىي زەررىچە (مۇسبەت) بولۇپ، فىزىكا ۋە خىمىيەدە مۇھىم رول ئوينايدىغان ئاساسىي
- پىروتېئىن(ئاقسىل) — پىروتېئىن — تىرىك ئورگانىزملاردا مۇھىم بىئولوگىيەلىك رول ئوينايدىغان ئورگانىك بىرىكمە. پىروتېئىنلار ئامىنو كىسلاتالاردىن
- پىروتېتان — 16-ئەسىردە ياۋروپادا خىرىستىيان دىنىنى ئىسلاھ قىلىش ھەركىتىدە كاتولىك دىنىغا قارشى تۇرۇش يۈزىسىدىن قۇرۇلغان دىنى مەزھەپل
- پىروز(نەسىر )؛ — ئەدەتتىكى نۇتۇق شەكلىدە بايان (ھېكايە)قىلىدىغان ئەسەر؛
- پىروسېسس — Process(ئىسىم/پېئىل)--ئىسىم بولغاندا بىرەر ئىشنىڭ باشلىنىشىدىن ئاخىرلىشىشىغىچە ئۆتىدىغان باسقۇچلار، ئۆزگىرىشلەر يىغىنداس
- پىرۇ پەدەر — پىر ۋە ئاتا؛
- پىرۇ نەۋخاستە — قېرى - ياش؛
- پىرى تەرىق — تەرىقەت پىرى ، سوپىيلارنىڭ پىرى؛
- پىرى دەير — مەيخانا باشلىقى؛
- پىرى كەنئان — ياقۇپ پەيغەمبەر؛
- پىرى مۇغان — مەيخانا خوجايىنى؛
- پىزاژ — تەبىئەت مەنزىرىسى
- پىژۇھ — بەژۇھ؛
- پىسە — ئالا - چىپار؛ [پىسە ئىفەك --- ئالا - چىپار يىپەك]؛ [پىسە تەناپ --- ئالا - چىپار يىپ، ئارقان]؛