لۇغەتنى كۆرۈش: پ
- پۇرخەتەر — بەك خەتەرلىك، ئىنتايىن قورقۇنچلۇق؛
- پۇرخەم — ئەگرى - بۈگرى ، ئەگرى - توقاي ؛ كۆپ يۆگەلگەن ، بۈدۈر؛
- پۇرخۇمار — خۇمارلىق ، مەست ، كۆزى خۇمارلاشقان؛
- پۇردان — تولۇق بىلگۈچى ، بىلىمدان، كۆپ بىلگۈچى ، ئالىم؛
- پۇردەرد — دەرەكە تولغان، دەردى كۆپ ، قايغۇ باسقان؛
- پۇردەردانە — دەردمەنلەرچە ، ئېغىر قايغۇ بىلەن؛
- پۇردىل — قەھرىمان ، پالۋان ، شىر يۈرەك ، باتۇر؛
- پۇررەنگ — قېنىق، رەڭمۇرەڭ؛ جەزبىلىك؛
- پۇرزىب — زىننەتلىك ، قالتىس، ياسىداق ، پۇزۇر؛
- پۇرزىينەت — قالتىس زىننەتلىك ، ئىنتايىن پۇزۇر ، ياسىداق؛
- پۇرسەت/ئېھتىماللىق — Chance(ئىسىم/پېئىل/سۈپەت)--كۆپ مەنالىق بولۇپ، ئاساسەن تۆت تۈرلۈك مەنانى بىلدۈرىدۇ. (1) بىرەر ئىشنى قىلىشقا بولىدىغان پۇر
- پۇرسوز — تېز ياندۇرىدىغان ، قاتتىق كۆيدۈرىدىغان؛
- پۇرشەر ۋە شور — دۈشمەنلىك ھەم تىنچسىز، ئىنتايىن ئەندىشىلىك؛
- پۇرشور — شاۋقۇن - سۈرەنلىك، ۋاراڭ - چۇرۇڭلۇق ؛ توپىلاڭچى، غوۋغا كۆتۈرگۈچى ، شاۋقۇن - سۈرەن قوزغىغۇچى؛
- پۇرشۇكۇھ — ھەشەمەتلىك ؛ داغدۇغىلىق؛
- پۇرفەن — ھىيلىگەر، نەيرەڭۋاز؛
- پۇرفەنلىق — ھىيلىگەرلىك، نەيرەڭۋازلىق؛
- پۇرفۇسۇن — ھىيلىسى كۆپ ، نەيرەڭۋاز؛
- پۇركار — ئىشچان ، ئالدىراش، ئىشى كۆپ؛ تەجرىبەلىك ؛ چىداملىق ، پىششىق؛
- پۇرگۇ — گېپى تولا، ۋالاقتەككۈر ، ئەزمە ، كاس - كاس؛
- پۇرگۇي — پۇرگۇ؛
- پۇرگۇيلىق — گەپدانلىق، ئەزمەلىك ، ۋالاقتەككۈرلۈك، كاس - كاسلىق؛
- پۇرمەردۇم — كۆپ نوپۇسلۇق، ئادىمى كۆپ؛
- پۇرنۇر — نۇرلۇق ، پارلاق؛