لۇغەتنى كۆرۈش: پ
- پەيغام — خەۋەر ، ئۇچۇر ، دېرەك؛ [پەيغام ئەھلى --- ئەلچىلەر، خەۋەرچىلەر]؛ [پەيغام ئولماق ---خەۋەر يەتمەك ، ئىشتىلمەك، ئاڭلانماق]؛
- پەيغام رەسان — خەۋەر يەتكۈزگۈچى، خەۋەرچى؛
- پەيغامبەر — پەيغەمبەر؛
- پەيغامگەر — خەۋەر قىلغۇچى؛ سالام يەتكۈزگۈچى ، بىرىنىڭ سۆزىنى يەنە بىرىگە يەتكۈزگۈچى؛
- پەيغەمبەر — ئاللاھنىڭ ئەلچىسى ، رەسۇل ، ئەلچى ، نەبىي؛
- پەيك — خەۋەرچى ، ئەلچى؛
- پەيكار — ئۇرۇش، جەڭ؛
- پەيكان — ئوقيا ئوقى ، ئوقيا ئوقىنىڭ مېتال ئۇچى ؛ نەيزە ئۇچى؛ تىكەن؛ كىرپىك؛
- پەيكەر — بەدەن ، تەن گەۋدە؛ سۈرەت ؛ ھەيكەل؛ [دىۋپەيكەر --- زور گەۋدىلىك، بەھەيۋەتلىك،شەكلى قورقۇنچلۇق، دىۋە سۈرەتلىك]؛ [ئىكىپەيكە
- پەيكەر تەراش/پەيكەر تىراز — ھەيكەلتاراش؛
- پەيكى خەيال — خىيال ئەلچىسى، خىيالغا كەلتۈرگۈچى؛
- پەيما/پەيماي — سۆزلەرگە بىرىكىپ «ئۆلچىگۈچى ، تارتقۇچى ، يۈرگۈچى ، كەزگۈچى»دېگەندەك مەنالارنى ئۇقتۇرىدۇ؛ [بەھرپەيما --- دېڭىز ساياھەتچىس
- پەيمال — ئاياق ئاستى قىلىش؛ دەپسەندە قىلىش.
- پەيمان — ۋەدە، ئەھدە ، لەۋزە ،توختام ، كېلىشىم؛ [پەيمان قىلماق --- ۋەدە قىلماق،ئەھدە قىلماق]؛
- پەيمان شىكەن — سۆزىدە تۇرمايدىغان ، ۋەدەسىگە ۋاپا قىلمايدىغان؛ ۋەدەسىدىن قايىتقۇچى؛ ۋەدىنى بۇزغۇچى؛
- پەيمانە — مەي پىيالەسى ، مەي شاراپ ئۆلچەيدىغان قاچا، پىيالە، قەدەھ ؛ مىقدار؛ [تولا پەيمانە --- تولغان پىيالە، ئۆمرى تۈگىگەن]؛
- پەيمانەكەش — قەدەھ كۆتۈرگۈچى ، مەي ئىچكۈچى ؛ ئىچەرمەن؛
- پەيمەن — ۋەدە؛ قەسەم؛ سۆز بېرىش؛
- پەينىر — سۈتتىن قىلىنغان بىر خىل يېمەكلىك؛
- پەيۋەست — تۇتاش،تۇتاشقان،ئۇلانغان؛ ئارقىمۇئارقا؛ دائىما؛ ھەمىشە؛ [پەيۋەست ئەتمەك ---تۇتاشتۇرماق]؛
- پەيۋەستە — ھەمىشە ، دائىم؛ قوشۇلغان ، تۇتاشقان ، باغلانغان ، چېتىلغان؛ [پەۋەستە بولماق ---قوشۇلماق]؛
- پەيۋەن — ئۇلانماق؛ باغلانغان.
- پەيۋەند — يېتىشىش ، ئۇلىنىش ، تۇتىشىش؛ [دەردپەيۋەند --- دەردلىك]؛ [نەقشپەيۋەند --- نەقىش سالغۇچى، نەققاش]؛ [پەيۋەند تاپماق --- تۇت
- پەيۋەندلىق — ئۇلاقلىق ، ياماقلىق ، ئۇلانغان ؛ ئۇرۇق - تۇققانلىق؛