لۇغەتنى كۆرۈش: ي
- ياشۇلماق/ ياشۇنماق — يوشۇرۇنماق؛
- ياشىل — يېشىل؛
- ياشىمتۇل — سۇس يېشىل؛
- ياشىنلاماق — چېقىن چاقماق ، چاقماق چاقماق؛
- ياشين — چېقىن ، چاقماق ؛
- ياغ سۈزگۈچ — موتور يېغىنى پاكىز تۇتۇپ، موتوردىكى ئەخلەتلەرنى سۈزىدۇ ۋە موتورنىڭ ئۆمرىنى ئۇزارتىدۇ؛ ئاپتوموبىل زاپچاسلىرى؛
- ياغدۇ — نۇر ، يورۇقلۇق ، روشەنلىك؛
- ياغرىن — تاغاق سۆڭىكى؛
- ياغلىغ — رومال ، ياغلىق ، شال؛
- ياغما — ئولجا؛ تالان-تاراج؛
- ياغمۇچ — ئۇۋاق مۇچقا چۈچۈتۈلگەن ياغ، ئاچچىقسۇ،سامساق قاتارلىقلارنى قوشۇش ئارقالىق تەييارلىنىدىغان بىر خىل مۇچ قىيامى.
- ياغى — دۈشمەن ، ياۋ ؛ ئىتائەتسىز ، بويسۇنمايدىغان ، ئىسيانچى ، توپىلاڭچى؛ يېغى ،ئۇرۇش؛
- ياغىز — قوڭۇر ، بېغىررەڭ؛ [ياغىز يەر --- قوڭۇر يەر]؛
- ياغىسى — دۈشمىنى؛
- ياغىقماق — دۈشمەنلەشمەك ، قارشىلاشماق؛
- ياغىلاماق — دۈشمەننى يەڭمەك ، دۈشمەننى چېكىندۈرمەك؛
- ياغىلىق — دۈشمەنلىك ، ئۇرۇش؛
- ياغىن — يېغىن ؛ سەل؛ [ياغىن تۇتماق --- سەل كەلمەك ، يېغىن ياغماق]؛ [ياغىن تۇرماق --- يېغىن توختىماق]؛
- يافت — تېپىش ، تېپىۋېلىش؛ [كم يافت --- ئاسان تېپىلمايدىغان ، تېپىش تەس]؛
- ياق — تەرەپ ، يان ؛ چۆرە ، ئەتراپ ؛ تەرەپدارلىق ، باشلىنىش ، مۇناسىۋەت؛
- ياقارماق — يېلىنماق ، يالۋۇرماق ؛ ئاجىزلىق بىلدۈرمەك ؛
- ياقاڭ — بېدىك؛
- ياقتۇ/ياختۇ — يورۇق ، پارلاق ، پارقىراق ؛
- ياقتى — نۇر ، يورۇق؛